UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلاربېنگال قولتۇقى

بېنگال قولتۇقى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار دېڭىز - ئوكياننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى يۇتۇۋالغانلىقى ياكى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ دېڭىز - ئوكياننى يۇتۇۋالغانلىقىدىن چوڭ قۇرۇقلۇق ئەتراپىدا ھامان نۇرغۇن دېڭىز قولتۇقلىرى پەيدا بولىدۇ. دۇنيادا ئومۇمىي كۆلىمى1 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان دېڭىز قولتۇقىدىن تۆتى بار، كۆلىمى2 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان دېڭىز قولتۇقىدىن پەقەت ھىندى ئوكياننىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى بېنگال قولتۇقىلا بار. بېنگال قولتۇقى ھىندىستان يېرىم ئارىلى بىلەن ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى، ئاندامان تاقىم ئاراللىرى ۋە نىكوبار تاقىم ئاراللىرى ئارىسىغا جايلاشقان، بېنگال دۆلىتى ئۇنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى2 مىليون173 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى2586 مېتىر كېلىدۇ، سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃52 ~ ℃72 ئارىلىقىدا. مەملىكىتىمىزدىن باشلانغان گانگ دەرياسى بىلەن براخماپۇترا دەرياسى (يۇقىرىقى ئېقىنى يارلۇڭزاڭبۇ دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ) شىمالدىن بۇ قولتۇققا قۇيۇلىدۇ ھەم ناھايىتى كەڭ دەريا ئېغىزىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ قولتۇقتا ئاندامان تاقىم ئاراللىرى، نىكوبار تاقىم ئاراللىرى بار، قىرغاقلىرىدا ھىندىستانغا قاراشلىق كالكۇتتا، مادراس ۋە بېنگال دۆلىتىگە قاراشلىق چىتتاگۇڭ قاتارلىق مۇھىم دېڭىز پورتلىرى بار. بېنگال قولتۇقى تروپىك بەلۋاغ بوران - چاپقۇنى شەكىللىنىدىغان جاي. ئادەتتە بۇنداق بوران - چاپقۇن جەنۇبىي ۋە شىمالىي كەڭلىك °5 تىن ° 52قىچە بولغان تروپىك بەلۋاغ دېڭىز رايونىدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. غەربىي تىنچ ئوكياندا پەيدا بولۇپ، فىلىپپىن، جۇڭگو ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە دائىم تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىغان بوران - چاپقۇن تەيفېڭ بورىنى دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئاتلانتىك ئوكياندا پەيدا بولۇپ، ئا ق ش ۋە مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە دائىم تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىغان بوران - چاپقۇن ئۇراگان دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر يىلى4 - ئايدىن10 - ئايغىچە، يەنى شۇ يەرنىڭ ياز پەسلى بىلەن ياز ۋە كۈز پەسلى ئارىلىقىدا كۈچلۈك بوران - چاپقۇنلۇق ھاۋا دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشى بىلەن قوشۇلۇپ غايەت زور دېڭىز دولقۇنلىرىنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە شاۋقۇنلىنىپ گانگ - براخماپۇترا دەرياسى قۇيۇلۇش ئېغىزىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە شىددەتلىك بوران چىقىپ، دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، چېلەكلەپ قۇيغاندەك يامغۇر يېغىپ غايەت زور ئاپەتنى پەيدا قىلىدۇ.1970 - يىل11 - ئاينىڭ12 - كۈنى بېنگال قولتۇقىدا پەيدا بولغان بىر قېتىملىق شىددەتلىك بوران - چاپقۇننىڭ تەسىرىدە بېنگال دۆلىتىدە300 مىڭ ئادەم ئۆلۈپ،1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆي - ماكانسىز قالغان.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار
بېنگال قولتۇقى | UyghurWiki | UyghurWiki