UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارشىمالىي ئامېرىكا

شىمالىي ئامېرىكا

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار شىمالىي ئامېرىكا غەربىي يېرىم شارنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. غەربى تىنچ ئوكيانغا، شەرقى ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتىشىدۇ، غەربىي شىمال تەرىپى ۋە شەرقىي شىمال تەرەپلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا دېڭىز ئارقىلىق ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. شىمال تەرىپى شىمالىي مۇز ئوكيانغا، جەنۇبى پاناما قانىلى ئارقىلىق جەنۇبىي ئامېرىكا بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالىي ئامېرىكىنىڭ كۆلىمى24 مىليون230 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ قىتئەدە جەمئىي23 دۆلەت ۋە13 رايون بار، نوپۇسى400 مىليوندىن ئاشىدۇ. شىمالىي ئامېرىكىنىڭ يەر شەكلى: شەرق ۋە غەرب ئىككى تەرىپى ئېگىز، ئوتتۇرىسى پەس، غەربىي قىسمى ئېگىز ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان كولدېليېر تاغ سىستېمىسىدىن ئىبارەت. بۇ تاغ سىستېمىسى بىرقانچە ئۆزئارا پاراللېل كەتكەن تاغ تىزمىلىرىدىن تەشكىل تاپقان. شەرق تەرىپىدىكى روككى تاغ تىزمىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى2000 −3000 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ كولدېليېر تاغ سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىدىن ئىبارەت؛ غەرب تەرىپىدىكى تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىدا دېڭىز قىرغىقى تاغ تىزمىسى بىلەن نېۋادا تاغ تىزمىسى قاتارلىقلار بار. شەرق ۋە غەربتىكى ئىككى قاتار تاغ تىزمىسىنىڭ ئوتتۇرىسى كەڭ كەتكەن ئېگىزلىك ۋە ئويمانلىقتىن ئىبارەت، مەشھۇر كولورادو ئېگىزلىكى مۇشۇ جايغا جايلاشقان. شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا كەڭ كەتكەن بىر تۈزلەڭلىك بەلۋېغى بولۇپ، تۈزلەڭلىكنىڭ جەنۇبىي يېرىم قىسمى مىسسىسىپى تۈزلەڭلىكىدىن ئىبارەت، مىسسىسىپى دەرياسى بۇ جايدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. تۈزلەڭلىكنىڭ شىمالىي يېرىم قىسمى داڭلىق بەش چوڭ كۆل رايونىدىن ئىبارەت. سۇپېرىئور كۆلى، مىچىگان كۆلى، ھۇرون كۆلى، ئېرى كۆلى ۋە ئوتتارىئو كۆللىرى بۇ جايغا مەركەزلەشكەن. بۇ بەش چوڭ كۆلنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى245 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇلۇق كۆللەر توپى ھېسابلىنىدۇ. شىمالىي ئامېرىكىنىڭ زېمىنى سوغۇق، مۆتىدىل ۋە تروپىك بەلۋاغلارغا سوزۇلغان بولۇپ، ئىقلىم تىپى خىلمۇخىل، يەر شەكلىنىڭ ئىقلىمغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ، شىمالىي ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى قىشتا سوغۇق، يازدا ئىسسىق بولۇپ، تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ، ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. شىمالىي ئامېرىكىدا ئىلگىرى ئۈچ ئارال دۆلەت بار ئىدى (ھايتى، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى، كۇبا).2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يەنە10 ئارال دۆلەت مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈردى (يامايكا، ترىنىداد ۋە توباگو، بابادوس، باھاما، گرېنادا، دومىنىكا ئىتتىپاقى، سانتالۇسىيە، ساينت ۋىنسېنت ۋە گرېنادىنېس، ئانتىگۋا ۋە باربۇدا، ساينت كرىستوفېر ۋە نېۋىس). شۇڭا ھازىرغىچە13 ئارال دۆلىتى بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئارال دۆلىتى ئەڭ كۆپ بولغان قىتئە ھېسابلىنىدۇ. شىمالىي ئامېرىكىدا ئاق تەنلىكلەر، ئىندىئانلار، قارا تەنلىكلەر، سېرىق تەنلىكلەر بار، ئىندىئانلار شۇ جايدىكى يەرلىك ئاھالىلەر ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار