ئانتاركتىدا
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
ئانتاركتىدا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى چوڭ - كىچىك ئاراللار قوشۇلۇپ ئانتاركتىدا قىتئەسى دېيىلىدۇ.19 - ئەسىردىن ئىلگىرى كىشىلەر يەر شارىدىكى قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرغان بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى،19 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىغا كەلگەندىلا كىشىلەر ئاندىن ئاستا - ئاستا بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنى تونۇشقا باشلىغان.1911 - يىل12 - ئاينىڭ14 - كۈنى نورۋېگىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى ئاموندسېن باشچىلىقىدىكى جەنۇبىي قۇتۇپنى تەكشۈرۈش ئەترىتى تۇنجى بولۇپ جەنۇبىي قۇتۇپ نۇقتىسىغا يېتىپ بارغان.
ئانتاركتىدا يەر شارىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، تۆت ئەتراپى تىنچ ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيانلار بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن14 مىليون كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ياۋروپا بىلەن ئوكيانىيىدىن چوڭ، ئۇ دۇنيادىكى بەشىنچى چوڭ قىتئە ھېسابلىنىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى2350 مېتىر كېلىدۇ، گەرچە ئۇ يەر تۈزۈلۈشى ئەڭ ئېگىز بولغان قىتئە بولسىمۇ، ئەمما ئانتاركتىدا چوڭ قۇرۇقلۇقى2000 مېتىر قېلىنلىقتىكى مۇز قاتلىمى بىلەن قاپلىنىپ تۇرغانلىقتىن، ھەقىقىي قۇرۇقلۇق يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى ئاسىيا قىتئەسىنىڭكىدىن (960 مېتىر) پەس.
ئانتاركتىدا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى2000 مېتىر كېلىدىغان مۇز قاتلىمى بىلەن قاپلىنىپ تۇرغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇز ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بۇ مۇزلۇقلارنىڭ ھەممىسى ئېرىپ كەتسە، ئۇ ھالدا دۇنيادىكى ئوكيانلارنىڭ سۇ يۈزى40 −50 مېتىر ئۆرلەپ كېتىدۇ. ئانتاركتىدا يۇقىرى كەڭلىككە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ سوغۇق جاي ھېسابلىنىدۇ. ئانتاركتىدانىڭ قىش پەسلىدە قۇياش نۇرى ئىنتايىن يانتۇ چۈشكەچكە، يەر يۈزى ئىگە بولىدىغان يورۇقلۇق ناھايىتى ئاز، تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن تۆۋەن، ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى55 - سېلىسىيە گرادۇستىن تۆۋەن بولىدۇ. ياز پەسىلگە كەلگەندە قۇياش نۇرىنىڭ يورۇتۇش ۋاقتى گەرچە ئۇزاق بولسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەينەك يۈزىدەك مۇز قەۋىتى ئارقىلىق قايتۇرۇۋېتىلىدۇ. تېمپېراتۇرىسى يەنىلا0 سېلىسىيە گرادۇستىن تۆۋەن بولىدۇ. جەنۇبىي قۇتۇپ شىمالىي قۇتۇپتىن تېخىمۇ سوغۇق بولۇپ، »دۇنيانىڭ سوغۇق قۇتۇپى« دەپ ئاتىلىدۇ.
ئانتاركتىدادا قەھرىتان سوغۇق بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە دۇنيا بويىچە قارا بوران ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ. بەزى جايلاردا بىر يىل ئىچىدىكى340 كۈن شىۋىرغانلىق بولىدۇ. بەزى كۈچلۈك بوراننىڭ سۈرئىتى ھەر سېكۇنتىغا90 مېتىردىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، تەيفېڭ بورىنىغا قارىغاندا3 -4 ھەسسە چوڭ بولىدۇ. ئىقلىم شارائىتى ناھايىتى ناچار بولغاچقا، ئانتاركتىدادا ھەرقانداق يېشىل ئۆسۈملۈكنى كۆرگىلى بولمايدۇ. پەقەت شامالدىن دالدا تاشلارنىڭ ئاستىدا ئاز مىقداردىكى مۇخ ۋە لىشاينىكلارنى ئاندا - ساندا ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
ئانتاركتىدا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ چەتلىرى ۋە ئۇ تۇتىشىدىغان دېڭىز رايونلىرىدا تۈرلىرى ناھايىتى ئاز بولغان، ئەمما سان جەھەتتە خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغان ھايۋانلار ياشايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە پىنگۋىننىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇ جەنۇبىي قۇتۇپ ھايۋانلىرىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. جەنۇبىي قۇتۇپ دېڭىز رايونلىرىدا تۈرلىرى بىرقەدەر كۆپ بولغان كىتلار ياشايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرقەدەر كۆپ بولغان تيۇلېن، دېڭىز شىرى، دېڭىز ئىتى قاتارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار، شۇنىڭدەك ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، سانى كۆپ بولغان فوسفورلۇق راكلار ياشايدۇ. بۇ ناھايىتى قەدىمىي چوڭ قۇرۇقلۇقتا تا بۈگۈنگىچە تېخى قېزىلمىغان كۆپ خىل مېتال قېزىلما بايلىقلار ساقلانماقتا. مەسىلەن، تۆمۈر، مانگان، مىس، نىكېل، خروم، قوغۇشۇن، ئالتۇن، كۈمۈش، بائۇكست ۋە ئالماس قاتارلىقلار.
ئانتاركتىدا نۆۋەتتە ھازىرغىچە ئادەم ئولتۇراقلاشمىغان بىردىنبىر قىتئە ھېسابلىنىدۇ. ھازىر نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئانتاركتىدادا ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇردى، ئېلىمىز1985 - يىلىدىن كېيىن ئانتاركتىدادا ئىككى ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتىنى قۇردى. تېخىچە ئېچىلمىغان بۇ يەر كەلگۈسى ئېكسپېدىتسىيىچى ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈش خادىملىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.