UyghurWiki
UyghurWikiسۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارموزامبىك بوغۇزى

موزامبىك بوغۇزى

سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار موزامبىك بوغۇزى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى بىلەن ماداگاسكار ئارىلى ئارىسىغا جايلاشقان، ئۇزۇنلۇقى1670 كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز بوغۇزى ھېسابلىنىدۇ. گېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن تەخمىنەن100 مىليون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ماداگاسكار ئارىلى بىلەن ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىر تۇتاش ئىكەن. كېيىن يەر پوستى ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن ئارالنىڭ غەرب قىسمى ئولتۇرۇشۇپ، ھەم ئۇزۇن، ھەم كەڭ كەتكەن موزامبىك بوغۇزى شەكىللەنگەن ئىكەن. بۇ بوغۇزنىڭ ئوتتۇرىچە كەڭلىكى450 كىلومېتىر، شىمالىي ئۇچىدىكى ئەڭ كەڭ جايى960 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەڭ چوڭقۇر جايى3533 مېتىر بولۇپ، درېيك بوغۇزى ۋە باشى بوغۇزىدىن قالسا دۇنيادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. موزامبىك بوغۇزى كەڭ ھەم سۈيى چوڭقۇر بولغاچقا، ئىنتايىن چوڭ تىپتىكى پاراخوتلار قاتنىيالايدۇ. پارس قولتۇقىدىن چىقىپ غەربىي ياۋروپا، جەنۇبىي ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىغا بارىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماي پاراخوتلىرى مۇشۇ بوغۇزدىن ئۆتىدۇ ھەمدە ئۈمىد تۇمشۇقىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئاندىن ھەرقايسى جايلارغا يېتىپ بارىدۇ. شۇڭا ئۇ جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم سۇ يولى ھېسابلىنىدۇ. موزامبىك بوغۇزى تروپىك بەلۋاغقا جايلاشقان، موزامبىك ئىللىق ئېقىمى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئاقىدۇ، يىل بويى قاتتىق ئىسسىق ھەم كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ، دېڭىزدا مارجان خادا تاشلىرى كۆپ، بوغۇزنىڭ شىمالىدىكى بوغۇزغا كىرىش ئېغىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان كومورو تاقىم ئارىلى بىلەن بوغۇزنىڭ غەربىي جەنۇبى قىرغىقىدىكى ماپۇتو (موزامبىك دۆلىتىگە قاراشلىق) پورتى دېڭىز قاتنىشىدىكى ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم ئورۇن ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار سۇ ۋە دېڭىز-ئوكيانلار
موزامبىك بوغۇزى | UyghurWiki | UyghurWiki