جەنۇبىي ئامېرىكا
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
جەنۇبىي ئامېرىكا غەربىي يېرىم شارنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، غەربى تىنچ ئوكيانغا، شەرقى ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى كارب دېڭىزىغا، غەربىي شىمال بۇرجىكى ئوتتۇرا ئامېرىكا بوغۇزى ئارقىلىق شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىگە تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا درېيك بوغۇزى ئارقىلىق ئانتاركتىدا قىتئەسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى18 مىليون كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. پۈتكۈل جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى غايەت زور ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدىكى قۇرۇقلۇق بولۇپ، شىمال تەرىپى كەڭ، جەنۇب تەرىپى تار.
جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شەرق تەرىپىگە بىرقانچە قەدىمىي ئېگىزلىكلەر جايلاشقان، شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ؛ گۋىئانا ئېگىزلىكى، برازىلىيە ئېگىزلىكى ۋە پاتاگونىيە ئېگىزلىكى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە برازىلىيە ئېگىزلىكىنىڭ كۆلىمى5 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېگىزلىك ھېسابلىنىدۇ. غەرب تەرىپى تىنچ ئوكياننىڭ دېڭىز قىرغىقىغا تۇتىشىدۇ، دائىرىسىدە جەنۇب - شىمال ئۇزۇنلۇقى9000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئاند تاغ تىزمىسى سوزۇلۇپ ياتىدۇ، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن تاغ تىزمىسى ھېسابلىنىدۇ. شەرق، غەرب ئىككى تەرىپىدىكى ئېگىزلىك ۋە تاغلىقلارنىڭ ئارىلىقىغا ئۈچ چوڭ تۈزلەڭلىك جايلاشقان: شىمال تەرىپىدىكىسى ئورىنوكو تۈزلەڭلىكى، ئوتتۇرا قىسمىدىكىسى ئامازون تۈزلەڭلىكى، جەنۇب تەرەپتىكىسى لاپلاتا تۈزلەڭلىكىدىن ئىبارەت.
ئامازون دەرياسى غەربتىن - شەرققە قاراپ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى6400 كىلومېتىر بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا ھېسابلىنىدۇ. ئامازون دەرياسى ۋادىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى1500 −2000 مىللىمېتىردىن كۆپ بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃25 −℃27، مەزكۇر رايوندا كۆلىمى3 مىليون730 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تروپىك بەلۋاغ ئۆسۈملۈك باغچىسى بەرپا قىلىنغان. قويۇق ۋە بۈك - باراقسان ئۆسكەن تروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمىنىدا ناھايىتى قىممەتلىك بولغان ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر ياشايدۇ. مەسىلەن، ناھايىتى چوڭ ۋىكتورىيە نېلۇپەر گۈلىنىڭ غۇنچىلىرى تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ، ئادەمنى مەپتۇن قىلىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ يوپۇرمىقىنىڭ دىئامېتىرى5 .2 مېتىر، سۇ يۈزىدە لەيلىگەندە30 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى بالىنى كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ. يامغۇرلۇق ئورماندىكى قۇشلارنىڭ تۈرلىرى1500 خىلدىن ئاشىدۇ، دەريا سۈيىدىكى بېلىق تۈرلىرىدىن2000 نەچچە خىلى بار.
جەنۇبىي ئامېرىكا شىمالىي كەڭلىك12 گرادۇس بىلەن جەنۇبىي كەڭلىك56 گرادۇسنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېكۋاتور ئوتتۇرا قىسمىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ئىقلىمى ئىللىق ۋە نەم، ئەڭ سوغۇق ئاينىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىمۇ ℃0 تىن يۇقىرى بولىدۇ. تەبىئىي كاۋچۇك، كاكائۇ، خىنىن قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ.
جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئىرقلارنىڭ تەركىبى بىرقەدەر مۇرەككەپ، ئارىلاش قانلىقلار، ئىندىئانلار، ئاق تەنلىكلەر ۋە قارا تەنلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ. پۈتكۈل قىتئەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى260 مىليون بولۇپ،13 دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان.