سۇۋەيش قانىلى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
ئىلگىرى ھىندى ئوكيان ۋە تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرى غەربىي ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بېرىش ئۈچۈن، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى ئۈمىد تۇمشۇقىدىن ئايلىنىپ ئۆتەتتى. مىسىر خەلقى1859 - يىلىدىن باشلاپ10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ سۇۋەيش قانىلىنى قېزىپ، قىزىل دېڭىز بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزنى، ھىندى ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى تۇتاشتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ھىندى ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننىڭ غەربىدىكى دۆلەتلەرنىڭ غەربىي ياۋروپا بىلەن شىمالىي ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بېرىش مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە قىسقارتقان. سۇۋەيش قانىلى ئارقىلىق ماڭغاندا ئۈمىد تۇمشۇقىنى ئايلىنىپ ئۆتكەنگە قارىغاندا مۇساپە8000 كىلومېتىردىن10000 كىلومېتىرغىچە، دېڭىزدا قاتناش ۋاقتى10 كۈندىن40 كۈنگىچە قىسقىرايدۇ. ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە جايلاشقان سۇۋەيش قانىلى خەلقئارا دېڭىز قاتنىشىدا مانا مۇشۇنداق مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاچقا، ماركس ئۇنى «شەرقتىكى ئۇلۇغ سۇ يولى» دەپ ئاتىغان.
سۇۋەيش قانىلى شىمالدا ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سەئىد پورتىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا قىزىل دېڭىزدىكى سۇۋەيش بىلەن تەۋفىق پورتىغىچە بارىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى5 .172 كىلومېتىر كېلىدۇ. سەئىد پورتىدىن جەنۇبقا قاراپ ماڭساق، قانالنىڭ ئىككى تەرىپى كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقتىن ئىبارەت. تىمساھ كۆلىگە كەلگەندە قانالنى مەمۇرىي جەھەتتىن باشقۇرۇش مەركىزى بولغان − ئىسمائىلىيە شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن بولىمىز، بۇ دەل قانالنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، شەھەر − دەرەخ ۋە ئوت - چۆپلىرى بۈك - باراقسان ئۆسۈپ، يېشىللىققا پۈركەلگەن بولۇپ، «قانالنىڭ يېڭى كېلىنى» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىسمائىلىيە شەھىرىدىن جەنۇبقا قاراپ قانال ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، چوڭ ئاچچىق كۆل ۋە كىچىك ئاچچىق كۆلدىن ئۆتىدۇ. بۇ ئىككى كۆل ئەسلىدە قۇرۇپ كەتكەن كۆل ئىدى. قانال قېزىلغاندىن كېيىن، يەنە سۇ يىغىلىپ سۈيى بار كۆلگە ئايلاندى. كىچىك ئاچچىق كۆلدىن ئۆتكەندىن كېيىن قانال ئۇدۇل قىزىل دېڭىز ساھىلىدىكى سۇۋەيش پورتى بىلەن تەۋفىق پورتىغا بارىدۇ.
سۇۋەيش قانىلىدا پاراخوت چۈشۈرگۈسى يوق بولۇپ، پاراخوتلارنىڭ قاتنىشىغا قۇلايلىق، بىراق قانالنىڭ كەڭلىكى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم بۆلەكلىرىدە كېمە پەقەت تاق يۆنىلىشتىلا قاتنىيالايدۇ. ھەر8 ~9 كىلومېتىر كېلىدىغان ئارىلىقتىكى سۇ يولى بىرقەدەر كەڭرەك كەلگەن جايدا قارىمۇقارشى كەلگەن پاراخوتلار ئۆتۈشىدىغان «ئۆتۈشمە بېكەت» ياسالغان، پاراخوتلارنىڭ قانالدىن ئۆتۈشى ئۈچۈن14 سائەتتىن22 سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدۇ.
سۇۋەيش قانىلىدىن نەچچە100 مىڭ توننىلىق پاراخوتلار ئۆتەلەيدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ بېسىق قاناللارنىڭ بىرى.