مەرۋايىت
سۇ مەھسۇلاتلىرى
كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئۆزگىچە مەرۋايىت تەبىئىي ئۆسكەن قۇلۇلە قېپى ئىچىدىن چىقاتتى، ئۇنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز ئىدى، شۇڭا ھازىر كىشىلەر قۇلۇلىنى سۈنئىي بېقىش ئارقىلىق كۆپلەپ مەرۋايىت ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدى.
قۇلۇلە قېپى ئىچىدىكى مەرۋايىت قانداق شەكىللىنىدۇ؟ ئەسلىدە، قۇلۇلە قېپىغا چاپلىشىپ تۇرىدىغان بىر قەۋەت نېپىز پەردە بولۇپ، ئۇ تاشقى پەردە دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ پەردە بىر خىل مەرۋايىت ماددىسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، قۇلۇلە قېپى بىلەن تاشقى پەردە ئارىلىقىغا تاسادىپىي قۇم، لاي، پارازىت قاتارلىق »يات ماددا«لار كىرىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇلار تاشقى پەردە ئۈستىدىكى تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىر قىسمى بىلەن قوشقۇچى توقۇلمىغا كىرىدۇ. ئۈستۈنكى تېرە ھۈجەيرىسىنىڭ رولى تەسىرىدە مەرۋايىت خالتىسى شەكىللىنىپ يات ماددىلارنى ئورىۋالىدۇ ھەمدە ئۈزلۈكسىز مەرۋايىت ماددىسىنى ئاجرىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەرۋايىت شەكىللىنىدۇ. سۈنئىي ئۇسۇلدا مەرۋايىت يېتىشتۈرۈشتە مۇشۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ قۇلۇلە قېپى ئىچىگە »يات ماددا«لار سۈنئىي كۆچۈرۈلۈپ، قۇلۇلە قېپىدا كۆپلەپ مەرۋايىت ھاسىل قىلىنىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ تاتلىق سۇ رايونلىرىدا100 خىلدىن ئارتۇق قۇلۇلىلەر بار بولۇپ، تاتلىق سۇدا ئۆستۈرۈشكە باب كېلىدىغانلىرىدىن خىرىئوپىس قۇلۇلىسى، كىرىستارىيە قۇلۇلىسى، فۇجيەن سەدەپ قۇلۇلىسى ۋە يۇمىلاق چىشسىز قۇلۇلە قاتارلىق بىرنەچچە خىلىلا بار. كىشىلەر بۇ قۇلۇلىلەرنى كۆپلەپ بېقىپ، مۇۋاپىق پەسىلدە تاشقى پەردىنىڭ تاشقى پوستىنى ئېلىپ، ئۇنى كۋادرات شەكىلدە ئۇششاق پارچىلاپ كېسىپ، «يات ماددا» ئورنىدا مەرۋايىت يېتىشتۈرۈش قۇلۇلىسىنىڭ تېنى ئىچىگە سېلىپ2 −3 يىل باققاندىن كېيىن مەرۋايىتنى يىغىۋالىدۇ.
كىشىلەر مەرۋايىت رەڭگىنىڭ سۇ تەركىبىدىكى ئوخشاش بولمىغان مېتال ئېلېمېنتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى، مەسىلەن، مانگان كۆپ سۇدا مەرۋايىتنىڭ رەڭگى ئاچ قىزىل ۋە ئاق بولىدۇ؛ مىس ۋە كۈمۈش كۆپ سۇدا مەرۋايىت سېرىق رەڭلىك بولىدۇ؛ ناترىي ۋە سىنك كۆپ بولسا ئەترەڭ، ئاچ قىزىل قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ، شۇڭا مەرۋايىت يېتىشتۈرۈش قۇلۇلىسىنى بېقىشتا سۇغا مەقسەتلىك ھالدا تۈرلۈك مېتال تۇزلىرىنى قوشقاندا كۆك، يېشىل، سېرىق ۋە سۆسۈن قاتارلىق كۆپ خىل رەڭدىكى مەرۋايىتلارنى يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. ئېلىمىز يەنە باھاسى تېخىمۇ يۇقىرى «شياڭشىڭ مەرۋايىتى» ۋە يالتىراق مەرۋايىتنى تەتقىق قىلىپ يېتىلدۈردى. يالتىراق مەرۋايىت دەرۋەقە قاراڭغۇدا ۋە كېچىدە ئاجايىپ فوسفور نۇرى ۋە يالتىراق نۇر چىقىرىدۇ!