UyghurWiki
UyghurWikiسۇ مەھسۇلاتلىرىرەڭدار تروت بېلىقى

رەڭدار تروت بېلىقى

سۇ مەھسۇلاتلىرى رەڭدار تروت بېلىقىنىڭ «غەلىتە مىجەزى» بار، ئۇ سۇ تېمپېراتۇرىسىنى بەكلا تاللايدۇ.℃10 − ℃18 لۇق يىلمان سۇدا ياشاشقا باب كېلىدۇ، سۇ تېمپېراتۇرىسى ℃4 − ℃5 تىن تۆۋەن بولسا ياكى ℃20 تىن ئېشىپ كەتسە نورمال ئۆسۈشىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا «سوغۇق سۇ خاراكتېرىدىكى بېلىق تۈرى» دەپ ئاتىلىدۇ. رەڭدار تروت بېلىقى ئامېرىكىدىن چىقىدۇ، پاقىسىمانلار ئەترىتى پاقا ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئېلىمىزگە1959 - يىلى كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان خېيلۇڭجياڭ، سەنشى، بېيجىڭ قاتارلىق ئاز ساندىكى كىلىماتى بىرقەدەر تۆۋەن ئۆلكە، شەھەرلەردە بېقىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ كەلگەنىدى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، سۇ مەھسۇلاتلىرى پەن - تېخنىكا خادىملىرى رەڭدار تروت بېلىقىنى جەنۇبتا بېقىشقا دائىر بىر يۈرۈش تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، بۇنىڭ بىلەن رەڭدار تروت بېلىقى چاڭجياڭ دەرياسىنى «ئاتلاپ» ئۆتۈپ، جەنۇبتىكى سۇ ۋادىلىرىغا ماكانلاشتى. رەڭدار تروت بېلىقىنىڭ ئۆسۈشى تېز، مەھسۇلاتى يۇقىرى بولۇپ، سۈنئىي بېقىش شارائىتىدا ھەر مودىكى مەھسۇلات مىقدارىنى50 مىڭ كىلوگرامغا يەتكۈزگىلى ياكى ئۇنىڭدىن ئاشۇرغىلى بولىدۇ، رەڭدار تروت بېلىقىنىڭ ئۆمرى50 يىلغا يېتىدۇ، ئەمما تاۋار بېلىقنىڭ بېقىلىش ۋاقتى ئادەتتە18 −22 - ئايغىچە بولۇپ، ئېغىرلىقى1 كىلوگرامغا يەتكەن ھامان بازارغا سېلىنىدۇ. بېقىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئەڭ ئېغىرلىرى10 نەچچە كىلوگرامغا يېتىدۇ. رەڭدار تروت بېلىقى تاتلىق سۇدا بېقىلىدىغان ئەتىۋارلىق جانىۋار بولۇش بىلەن بىرۋاقىتتا، يەنە تۇزلۇق سۇ، تاتلىق سۇ ۋە دېڭىزدا بېقىلىش ئوبيېكتى ھېسابلىنىدۇ. بىر يىللىق رەڭدار تروت بېلىقى ‰14 لىك تۇزغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ئۈچ يىللىق بېلىق ‰35 تۇز بولغان دېڭىز سۈيىدە ياشىيالايدۇ. تاتلىق سۇدا بېقىلغان چوڭ بېلىقنى ئاستا - ئاستا دېڭىز سۈيىگە كۆچۈرۈپ، يەم بېرىپ تور ساندۇقتا باققاندا، ئىككى ئايدا ئېغىرلىقى175 گرامدىن305 گرامغا يېتىدۇ، بۇ كەڭ ئىستىقباللىق بېقىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار سۇ مەھسۇلاتلىرى
رەڭدار تروت بېلىقى | UyghurWiki | UyghurWiki