تاشپاقا
سۇ مەھسۇلاتلىرى
تاشپاقا يېرىم سۇ ماكانلىق ئۆمىلىگۈچى ھايۋان بولۇپ، كۆپىنچە ئىسسىق بەلۋاغ ۋە مۆتىدىل بەلۋاغقا تارالغان. تاشپاقا گۆشى بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، مەنپىيلىكنى كۈچەيتىدۇ، قان تۈكۈرۈش، سۆڭەك، پەي ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. تاشپاقا قېنى سوڭى چىقىپ قېلىش، سۇنۇق قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ؛ تاشپاقىنىڭ قورساق چىغىنىقى دابۇيىڭۋەن كۇمىلىچى، داخۇلودەن كۇمىلىچى، زەيزاۋۋەن كۇمىلىچى، خېچېدازاۋۋەن كۇمىلىچى قاتارلىق مەشھۇر جۇڭيى دورىلىرىنىڭ ئاساسلىق خام ماتېرىيالى.
تاشپاقىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇ بىرنەچچە يىل ئوزۇق يېمىسىمۇ ئاچلىقتىن ئۆلمەيدۇ؛ تاشپاقىنىڭ بېشىنى كېسىۋەتكەندىمۇ نەچچە ھەپتە ياشىيالايدۇ. تاشپاقا سوغۇق قانلىق ھايۋان بولۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تاشقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، ئادەتتە11 - ئايدىن ئىككىنچى يىلى3 - ئايغىچە ئوزۇقلىنىشتىن توختاپ، سۇ تېگىدىكى لاي - پاتقاق ئىچىدىكى كاماردا جىمجىت يېتىپ ئۈچەككە كىرىدۇ.4 - ئاينىڭ باشلىرى سۇ تېمپېراتۇرىسى
℃10 تىن ئاشقاندا كاماردىن چىقىپ ئوزۇق ئىزدەيدۇ، ئادەتتە دەريا، كۆل ياكى كۆلچەكلەردە ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ.
تاشپاقا تۇخۇم چىقىرىشتا ئىنتايىن ئېھتىياتچان كېلىدۇ، ئۇ گۇگۇم چۈشكەندىن تارتىپ تاڭ سۈزۈلگىچە بولغان ۋاقىتتا تۇپرىقى يۇمشاق، يانتۇ، مەخپىي، كۈشەندىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن مۇداپىئەلەنگىلى بولىدىغان جاينى تاللاپ، ئالدى - ئارقا پۇتى ۋە قۇيرۇقى بىلەن توپىنى كولاپ، تۇخۇم چىقىرىش ئۇۋىسىنى ياسايدۇ، ئادەتتە ئۇۋا كولاش ئەزالىرىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشقا سېلىپ تۆت سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەپ ئاندىن ئۇۋىنى تەييار قىلىدۇ. ئۇۋا تەييارلانغاندىن كېيىن تاشپاقا سەل - پەل ئارام ئېلىۋېلىپ تۇخۇملاشقا باشلايدۇ، ھەربىر تۇخۇمنى تۇغۇپ بولغاندا ئارقا پۇتى بىلەن ئۇنى تىزىدۇ. ھەر2 −5 مىنۇتتا بىرنى تۇخۇملايدۇ، بىر تۈركۈم تۇخۇمنى تۇغۇپ بولۇشى ئۈچۈن30 مىنۇت ئۆپچۆرىسىدە ۋاقىت كېتىدۇ، تاشپاقا تۇخۇملاپ بولغاندىن كېيىن، شۇ جايدا10 مىنۇت ئارام ئېلىۋېلىپ، ئاندىن ئارقا پۇتى ۋە قۇيرۇقى بىلەن تۇخۇملارنى توپىغا كۆمۈپ، توپىنى دەسسەپ چىڭدايدۇ. تاشپاقىنىڭ پۈتكۈل كۆپىيىش جەريانىغا تەخمىنەن سەككىز سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. چىشى تاشپاقا يىلىغا3 −4 قېتىم، ھەر قېتىمدا4 -7 گىچە تۇغىدۇ، تەبىئىي شارائىتتا بالا تاشپاقا50 −80 كۈندە تۇخۇمدىن چىقىدۇ؛ تۇخۇمدىن چىقىرىش ساندۇقى ئىشلىتىپ سۈنئىي ئۇسۇلدا تۇخۇمدىن چىقارغاندا50 كۈنلا ۋاقىت كېتىدۇ.
تاشپاقىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولۇپ، بىر يىلدا50 گرام ئۆپچۆرىسىدە چوڭىيىدۇ، ئۈچ يىللىق تاشپاقىنىڭ ئېغىرلىقى100 گرام ئۆپچۆرىسىدىلا بولىدۇ، ئۈچ يىللىقتىن كىچىكلىرى بالا تاشپاقا دەپ ئاتىلىدۇ، بالا تاشپاقا مەخسۇس ياسالغان بالا تاشپاقا كۆلچىكىدە بېقىلىدۇ، ئۈچ يىللىقتىن ئاشقان تاشپاقا بىلەن بېلىق بىللە بېقىلىدۇ، تاشپاقىنىڭ ئوزۇقى ئىنتايىن كەڭ دائىرىدە بولۇپ، ھاشارات تۈرىدىكىلەر، كىچىك بېلىق، كىچىك راك، كىچىك سەدەپ قۇلۇلىسى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ھەمدە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يۇمران يوپۇرمىقى، ئوت - چۆپ ئۇرۇقى، كېپەك، شال قاسىرىقى قاتارلىقلارنى ئوزۇق قىلىدۇ.