UyghurWiki
UyghurWikiسۇ مەھسۇلاتلىرىيىراق شەرق تاشپاقىسى

يىراق شەرق تاشپاقىسى

سۇ مەھسۇلاتلىرى تاشپاقىنىڭ ئوزۇقلۇقى مول بولۇپ، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، چارچاشنى تۈگىتىش، مۇسبەتلىكنى ئاشۇرۇش قاتارلىق رولى بار، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى مەززىلىك قۇۋۋەت بۇيۇمى دەپ قارايدۇ، ئۇ ئارقىلىق يەنە ئاشقازان - ئۈچەي كېسىلى، ئىشتىھاسىزلىق، قەۋزىيەت، گېمروي قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ. سۈنئىي بېقىلغان تاشپاقا ياۋىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ سېمىز، يوغان، يۇمشاق بولىدۇ، گۆشىمۇ كۆپ ھەم شىرنىسى مول بولىدۇ. تاشپاقىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ئىنتايىن قىزىقارلىق، ئۇ بېلىققا ئوخشاش ساقىقى بىلەن نەپەس ئالماستىن، بەلكى ئۆپكە (خالتا)سى بىلەن نەپەسلىنىدۇ، لاي - پاتقاقلىق كۆلچەك، ئۆستەڭلەردە ياشاشنى ياقتۇرىدۇ، شۇڭا بۇرنىنى سۇ ئۈستىگە چىقىرىپ نەپەس ئالىدۇ. تاشپاقا »كۈن نۇرى مۇنچىسى«غا چۈشۈشكە ئامراق، ئۇ دائىم تىنچ جايلارغا بېرىپ ئاپتاپقا قاقلىنىدۇ، بىراق بەكمۇ قورقۇنچاق، ئازراقلا شەپە ئاڭلىسا دەرھال سۇ ئىچىگە قېچىپ كىرىۋالىدۇ. تاشپاقىلار ئۆزئارا ئىنتايىن قاتتىق سوقۇشىدۇ، تاشقى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغاندىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، شۇڭا تاشپاقىنى تۇتقاندا ئۇ ئاسانلا چىشلىۋالىدۇ، ئەگەر قولىمىزنى تاشپاقا بىلەن بىللىلا سۇ ئىچىگە سالساق دەرھال قويۇۋېتىپ قېچىپ كېتىدۇ. تاشپاقا ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋان بولۇپ، ℃17 − ℃32 لۇق ئىلمان سۇدا ياشاشقا باب كېلىدۇ، كۈزدىن كېيىن سۇ تېمپېراتۇرىسى ℃15 تىن تۆۋەن بولغاندا، تەدرىجىي قىشلىق ئۈچەككە كىرىدۇ. تاشپاقىنى سۈنئىي بېقىشتا، يەر شەكلى بىرقەدەر ئېگىز، شامال ئۆتۈشىدىغان، كۈن نۇرى چۈشىدىغان، مۇھىتى تىنچ جايلارنى تاللاپ كۆلچەك ياسىلىدۇ. كۆلچەكنىڭ ئەتراپىدىن1 مېتىر يىراقلىققا قورشاۋ تام سېلىنىپ، ئۇنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.5 .0 −2 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى تىمەن تاشپاقا ئۇرۇقلۇق قىلىنىپ، ئەركەك، چىشىسى جۈپلەشتۈرۈلۈپ بېقىلىدۇ. ھەر يىلى6 -،8 - ئايلاردا تاشپاقا تۇخۇملايدۇ، ئادەتتە45 −60 كۈندە كىچىك تاشپاقا تۇخۇمدىن چىقىدۇ، تاشپاقا تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ گۆشى ۋە ئىچكى ئەزاسى، ئۆلگەن بېلىق، راك، سازاڭ، چاشقان، پاقىلارنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ، تۈرلۈك ھاشاراتلار ھەمدە سېرىق پۇرچاق، بۇغداي، كېپەك، دۇفۇ تىرىپى، كاۋا قاتارلىق كۆكتاتلار تاشپاقا ياقتۇرۇپ يەيدىغان ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. تاشپاقىنىڭ كۆپىيىشى تېز، يوغىنىشى ئاستا بولۇپ، تۇخۇمدىن چىقىپ ئۈچ يىلدا ئاندىن5 .0 كىلوگرام ئەتراپىدا چوڭلايدۇ، ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىرى40 −60 يىل ياشايدۇ، ئەڭ چوڭىنىڭ ئېغىرلىقى7 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار سۇ مەھسۇلاتلىرى