لاييېگەك
سۇ مەھسۇلاتلىرى
لاييېگەك يۇقىرى ئاقسىللىق، تۆۋەن ياغلىق ياۋا بېلىق تۈرى. ھەر100 گرام لاييېگەك گۆشىدىكى ئاقسىل6 .22 گرامغا يېتىدۇ. لاييېگەكتىن دورا ياساپ قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، مۇسبەتلىكنى كۈچەيتكىلى، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، بەدەننى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
لاييېگەكنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، تېگىدە پاتقاق بىرقەدەر كۆپ بولغان كۆل، ئۆستەڭ، شال ئېتىزلىرىدا ياشىيالايدۇ. ئۇ ساقىقى بىلەن نەپەس ئالىدۇ، تېرىسى ۋە ئۈچەي يوللىرى ئارقىلىقمۇ نەپەسلىنىدۇ، قىش پەسلىگە بارغاندا ئۇ شۇڭغۇپلا لاي ئاستىغا كىرىۋېلىپ ئۈچەي يولى ئارقىلىق نەپەسلىنىپ ھاياتىنى قامدايدۇ. سۇدىكى ئوكسىگېن يېتەرسىز بولسا سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىقىپ ھاۋا سۈمۈرىدۇ.
لاييېگەك تەبىئىي تۇخۇملايدۇ ھەم ھورمون ئارقىلىق تۇخۇملىتىشقىمۇ بولىدۇ. ئۇ كەڭ دائىرىدە ئوزۇقلىنىدىغان بېلىق تۈرى بولۇپ، ھەممىنىلا يەيدۇ. كىچىك ۋاقتىدا جانلىقلار تىپىدىكى يەمچۈكلەرنى ئاساس قىلىدۇ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆسۈملۈك خاراكتېرىدىكى يەمچۈكلەرنى ئاساس قىلىدۇ، باشقا بېلىق تۈرلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ باققاندا، باشقا بېلىق تۈرلىرى يەپ ئېشىپ قالغان يەمچۈكلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ. شۇڭا، ياپونىيە يىلانبېلىقىنى باققان كۆلدە لاييېگەكنى بىللە باققاندا كۆلنى ناھايىتى ياخشى پاكىزلەش رولىنى ئوينايدۇ.
لاييېگەكنى سۈنئىي بېقىش ئۇسۇلى ئاددىي بولۇپ، لاييېگەك بېلىجىنى ۋە ئوزۇقلۇقىنى ھەل قىلىش ئاسان، يېزىلاردا ئائىلىلەردە بېقىشقا ئىنتايىن باب كېلىدۇ. ھازىر سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىشنىڭ كۆلدە بېقىش، شاللىقتا بېقىش ۋە تور ساندۇقتا بېقىش قاتارلىق ئۈچ خىل شەكلى بار. ئادەتتە8 −9 ئاي بېقىلغاندىن كېيىن تۇتۇپ بازارغا سېلىشقا بولىدۇ.