يېشىل قۇيرۇق راك
سۇ مەھسۇلاتلىرى
يېشىل قۇيرۇق راك ئىقتىسادىي قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان تاتلىق سۇ راكلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۆسۈشى تېز، جۇغى چوڭ، كۆپىيىشى تېز، ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ئېلىمىزدىكى تاتلىق سۇ دەريا - كۆللىرىگە كەڭ تارقالغان. يېشىل قۇيرۇق راكنىڭ گۆشى يۇمشاق، مەززىلىك، ئوزۇقلۇقى مول، ھەر100 گرام يېگىلى بولىدىغان قىسمىدىكى ئاقسىل40 .16 گرام بولۇپ، ئوزۇقلۇقشۇناسلار ئۇنىڭ مېڭىنى بەلگىلىك قۇۋۋەتلەش رولى بار، دەپ قارايدۇ.
يېشىل قۇيرۇق راكنىڭ سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارى ناچار، قىسقا ئارىلىققىلا ئۈزەلەيدۇ، ئادەتتە سۇ ئاستىدىكى چۆپلەر ئارىسىدا ئۆمىلەپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بىراق، چۆچۈپ كەتكەندە ياكى رەقىبلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندا قورساق قىسمىنى جىددىي تارايتىپ، قۇيرۇقى بىلەن سۇنى پالاقشىتىپ كەينىگە چېكىنىدۇ، ئاندىن بەدىنىنى توساتتىنلا تۈزلەپ قاچىدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈشى تېز بولۇپ،5 -،6 - ئايلاردا تۇخۇمدىن چىققان بالىسى ئادەتتە40 كۈن ئىچىدىلا3 سانتېمېتىر ئۆپچۆرىسىگە يېتىدۇ،11 - ئايدا ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى3 −5 گرامغا يېتىدۇ. يېشىل قۇيرۇق راك ئۆمرىدە13 −15 قېتىم قاسىراق تاشلايدۇ، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى قاسىراق تاشلاش ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ، ئۆمرى ئادەتتە14 −18 ئاي غىچە بولىدۇ.
يېشىل قۇيرۇق راكنى سۈنئىي بېقىشتا ھازىر تور ساندۇقتا بېقىش، كۆلچەكتە بېقىش ۋە بېلىق بىلەن راكنى ئارىلاشتۇرۇپ بېقىشتەك بىرقانچە خىل ئۇسۇل بار. تور ساندۇقتا باققاندىكى مەھسۇلات مىقتارى بىرقەدەر يۇقىرى، ئۇنىڭدىن بىر يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. يېشىل قۇيرۇق راك سۇ تېگىدە ياشايدىغان قاسىراقلىق جانلىق، ئۇنى بېلىق بىلەن بىر كۆلدە باققاندا، سۇنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.