سىرلىق يۇلتۇزلار ئارا مولېكۇلىلار
سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى
يۇلتۇزلار ئارا مولېكۇلىنىڭ بايقىلىشى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ60 - يـىـلـلـىـرى ئاسترونومىيە ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان زور ئىش. ئۇزاقتىن بـۇيـان ئاسترونوملار بىپايان ئالەم بوشلۇقىدا تۇرغۇن يـۇلـتـۇز، تـۇرغـۇن يـۇلـتـۇز توپى، پلانېتا، تۇمانلىق قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىدىن باشقا، ھېچقانـداق ماددا يوق دەپ قارىغانىدى.20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە كىشىـلـەر يەنە يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇقنى ۋاكۇئۇم بوشـلـۇق دەپ قـاراپ كـەلـگەنىدى. كېيىن، يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇققا تۈرلۈك ئۇششاق يۇلتۇزلار، يۇلتۇزلار ئارا توزان، شالاڭ يۇلتۇزلار ئارا گاز، تۈرلۈك ئالەم نۇرى ھەمدە زەررىچىلەر ئېقىمىنىڭ تولغانلىقىنى بايقىدى.60 - يـىـللاردا يۇلتۇزلار ئارا بـوشلۇقتا نـۇرغـۇن ئورگانىك مولېكۇلا بۇلۇتى، بۇلۇتتا تۈرلۈك مـۇرەكـكـەپ ئورگانىك مولېكۇلىلارنىڭ بارلىقى بايقالدى.1968
- يىلى ئاسترونوملار چوڭ تىپتىكى رادىئو تېلېسكوپى ئارقـىـلـىـق سامانيولى مەركىزىي رايونىدا ئىلگىرى - كېيىـن بـولـۇپ ئاممىياك (3HN) بىلەن سۇ (O2H)نىڭ مولېكۇلىلىرىنى بايقىدى. ئۇلارنىڭ سانى ئىنتايـىن كۆپ بولۇپ، چاڭ - توزان بۇلۇتىنىڭ ئارقىسىدا ئىنتايىن زور ھەجىـمـدىـكـى «مولېكۇلا بۇلۇتى» نى شەكىللەندۈرگـەن. ئۇزاق ئۆتـمـەي ئاسـتـرونـوملار يەنە بىرقەدەر مۇرەككەپ ئورگانىك مولېكۇلا − فورمالدېگىد (O2HC)نـى بايقىدى، ئۇنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، سامانيولى مەركىزىي رايونىدىلا بولۇپ قالماستىن، ئورىئون يـۇلـتـۇز تۈركۈمىدىكى زور تۇمانلىق ۋە باشقا رايونلاردىمۇ بار. شۇنىڭدىـن كـېـيـىـن كىشىلەر ئالەم بوشلۇقىدىن يەنە ئارقا - ئارقىدىن تېخىمۇ كـۆپ يۇلتۇزلار ئارا مولېكۇلىلارنى، جۈملىدىن ئانئورگانىك مولېكۇلىلار ۋە ئورگانىـك مـاددىلارنى بايقىدى. مەسىلەن ھىدروكسىل رادىكالى، كاربون (Ⅱ) ئوكسىد، ھىدروگېن سيانىد، مېتىل ئالكوگول، ئاتسېتالدېگىد، سىئانوئاتسېتىلېن، مېتىلامىن قاتارلىقلار. ھازىرغا قەدەر يۇلتۇزلار ئارا مولېكۇلىدىن50 نەچچە خىلى بايقالدى.
يۇلتۇزلار ئارا مولېكۇلىنىڭ بايقىلىشى ئاسترونومىيە تەتقىقاتىدا ئىنتايـىـن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھاياتلىقنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساس − ئاقسىلنـىـڭ ئاساسلىق تەركىبى ئامىنو كىسلاتاسى مولېكۇلىسى ئىكەنلىكى بىزگـە مـەلـۇم. ئۇ بىر خىل ئورگانىك مولېكۇلا، كىشىـلـەر گـەرچـە ئالـەم بـوشـلـۇقـىـدىـن بىۋاسىتە ئامىنو كىسلاتاسى مولېكۇلىسىنى بايقىمىغان بولسىمـۇ، ئالـىـملار يـەر يۈزىدىكى تەجرىبىخانىدا ھىدروگېن، سۇ، ئوكسىگېـن، مـېـتـان ھەمـدە فورمالدېگىد قاتارلىق ئورگانىك ماددىلاردىن پايدىلىنىپ، ئالەم بوشلۇقىـدىـكـى تەبىئىي شارائىتقا تەقلىد قىلىپ، بىرقانچـە خـىـل ئامـىـنـو كـىـسلاتـاسـىـنـى بىرىكتۈردى. ھالبۇكى، ئامىنو كىـسلاتـاسـىـنـى بـىـرىـكـتـۈرىـدىـغـان خـام ماتېرىياللار يۇلتۇزلار ئارا مولېكۇلا بۇلۇتىدا كۆپلەپ مەۋجۇت. بـۇنـىـڭـدىـن شۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، ئالەم بوشلۇقىدىمۇ بەلگىـلـىـك ئامـىـنـو كىسلاتاسى مولېكۇلىلىرى مەۋجۇت، مۇۋاپىـق مـۇھىـت ھـازىـرلانـسـىلا ئۇلار ئاقسىلغا ئايلىنىپ، يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئورگانىك ھاياتلىققا ئايلـىـنىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن يەر شارىدىن باشقا ئاسمان جىسىملىرىدا ھاياتـلـىـق مـاددىلىرى مەۋجۇت، ھەتتا ئالىي ئەقىلگە ئىگە ھاياتلىق مـاددىلىرى مەۋجۇت، دەپ قىياس قىلىشقا بولىدۇ.
ئالىملارنى گاڭگىرىتىۋاتقىنى شۇكى، بەزى يۇلتۇزلار ئارا مولېكۇلـىلارنـى يەر شارى مۇھىتىدىن تاپقىلى بولمايدۇ، ھەتتـا تەجرىبىخـانىدىـمۇ ئېرىشكىلى بولمايدۇ. يەر شارىدا بولـمىغان بـۇ يۇلتۇزلار ئارا مولېكۇلىلار ئالەم بوشلۇقىدا نېمە رول ئويـنايـدۇ، قـانـداق فىزىكىلىق - خىمىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە؟ بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى تېخى سىر.