ئاي
سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى
«شەيئىلەر قۇياشتىن ئايرىلالمايدۇ» دېگەن سۆز بار. ھالبۇكى، ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، ئاينىڭ يەر شـارىـغـا كـۆرسىتىدىغـان تـەسىرى قۇياشنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، يەر شارىدىكى ھاياتلىقنى بەرپا قىلغۇچى كۈچ قۇياشتىن ئەمەس، بەلكى ئايدىن كېلىدۇ.
ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقـى بـاش مـەھكـىـمـىـسىـدىكى ئالىم، دوكـتـور شىرپىئارسوننىڭ تەتقىق قىلىپ كۆرسىتىشىچە، قۇياش سىستېـمـىـسى شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، ئاي يەر شارىنىڭ تارتىشى بىلەن يـەر شـارىنىڭ ھەمراھىغا ئايلانغان. ئاي يەر شارىغا يېقىن تارتىلىش جەريانىدا، يەر شارىـغـا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئاي شارى يەر شارىغا يېقىنلاشقانـدا، يـەر شارىدىكى دېڭىز - ئوكيانلاردا دېڭىز دولقۇنى كۈچلۈك كۆتۈرۈلۈپ - پەسەيگەن، بۇ خىل كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىـشـتـىـن پـەيـدا بولغـان غـايەت زور سۈركىلىش كۈچى تەسىرىدە يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تېـز ئۆرلەپ، يـەر مەركىزى ئېرىگەن. يەر مەركىزىدىكى ماگمىلار يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھەمـدە كۈچلۈك تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئايلانما ھەرىكەت قىلغان، نەتىجىدە ماگنىت مەيدانى پەيدا بولغان، بۇ غايەت زور مـاگـنىـت مەيدانى يەر شارىدا «قوغـداش قـالـقـىـنـى» نـى شـەكىللـەندۈرۈپ، ئالـەم بوشلۇقىدىن كەلگەن رادىئاتسىيىنى ئاجىزلاتقان. ماگنىت مەيدانىدىن ئىبارەت قوغداش قەۋىتى بولغاچقىلا يەر شارىدىكى جانلىقلار مەۋجۇت بولالىغان. ئەگەر بۇ قوغداش قەۋىتى بولمىغىنىدا سىرتتىن كەلگەن رادىئاتسىيە نۇرى تەسىرىدە يەر شارىدا ئەڭ دەسلەپتە بارلىـقـقـا كەلگەن ھايـاتـلىق بىخلىرى نابۇت بولغان بولاتتى.
بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ماگنىت مەيـدانى قوغداش قەۋىتى مەۋجۇداتلارنى قوغداپلا قالماستىن، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسـۈشىگىمۇ تۈرتكە بولىدۇ. ياپونىيىلىك ئالىملار كۈچلۈك ماگنىت مەيدانىنىـڭ ئۆسـۈمـلـۈكـنـىـڭ ئۆسۈشىگە بولغان تەسىرى ئۈستىدە مۇنداق تەجرىـبـە ئىـشـلـىـگـەن، ئۇلار پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنىڭ ئۇرۇقىنى ماگنىت مەيدانى كۈچلۈك مۇھىتتا بىخلاندۇرۇپ ئۆستۈرگەن، نەتىجىدە، ئۇرۇقنىـڭ بىخ چىقىرىشى تېزلەشكەن، ھوسۇل مـەزگـىـلى ئالـدىـغـا سـۈرۈلـگـەن، مەھسۇلاتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
بىر ئالىم كۆممىقوناق ۋە كۆك پۇرچاقنى9 يـىـل تـەتـقىق قىلىپ، ئاي تولۇشتىن2 كۈن بۇرۇن تېرىلغان كۆممىقوناقنىڭ ئاي تولۇپ2 كۈندىـن كېيىن تېرىلغان كۆممىقوناقتىن يوغان ئۆسىدىغانلىقىنى؛ ھىلال ئاي ۋاقتىـدا تېرىلغان كۆك پۇرچاقنىڭ ئادەتتىكـى چاغدا تېرىلغاندىكىدىن تـېـزراق سولىشىدىغانلىقىنى بايقىغان. يەنە بەزىلەر تەجرىبە قىلىش ئارقىلىـق ئاي نـۇرى چۈشكەن زىرائەتلەرنىڭ ئاي نۇرىنى كۆرمىگەن زىرائەتلەرگە قارىغاندا تېـز ھەم ياخشى ئۆسىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئاي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىـلـىـشـىـگـىلا تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن، يەنە ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە قىلىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق، ئاي زادى قانداق تەسىر كۆرسـىـتـىـدۇ؟ بـۇ تـا ھازىرغىچە يېشىلمىگەن سىر.