UyghurWiki
UyghurWikiسىرلىق ئاسمان جىسىملىرىسىرلىق433 SS

سىرلىق433 SS

سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى 1978 - يىلى ئاسترونوملار غەلىتە بىر ئاسمان جىسمىنى بايقـاپ، ئۇنـى433 SS دەپ ئاتىدى. ئۇ پادىچى يۇلتۇزنىڭ يېنىـدا بـولـۇپ، سـامـانيـولـى سىستېمىسىنىڭ بىر ئەزاسى، يەر شارىدىن تەخمىنەن11 مـىـڭ يورۇقلۇق يـىـلـى يىراقلىقتا. ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر بۇ ئاسمان جىسمىنـى50 يىل ئىـلـگىـرىلا بايقىغانىدى، ئەينى چاغدا كىشىلەر ئۇنـى ئادەتـتىكى تـۇرغـۇن يۇلتۇز دەپ قارىغاچقا، ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىغانىدى. كېيىنچە ئۇ ستېفېنسون بىـلەن ساندىروك بىرلىكتە تۈزگەن يۇلتۇزلار جەدۋىلىگە كىرگۈزۈلـدى، بۇ ئىككىيلەننىڭ فامىلـىـسىـنـىـڭ بـاش ھەرپى S، بـۇ ئاسـمـان جىسمىنىڭ يۇلتۇزلار جەدۋىلىدىكى رېتى433 - نومۇر بـولـغـاچـقـا433 SS دەپ ئاتالدى. كىشىلەر ئۇنىڭ سپېكترىدا قىزىلغا ۋە كۆككە سىلجىغان ناھايىتى يوغان نۇرغۇن ھىدروگېن سپېكتـر سىزىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن433 SS سىرغا ئايلانـدى. ئادەتـتـە ئاسـمـان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى سپېكتر سىزىقىنىـڭ سىلجىشىنى پـەيـدا قىلىدىغان سەۋەب. قىزىلغا سىلجىش ئاسمان جـىـسـمىنىڭ بىزدىن يىراقلاۋاتقانلىقىنى، كۆككە سىلجىش ئاسمان جىسـمـىنـىـڭ بـىـزگـە يېقىنلاۋاتقانلىقـىـنى بىلدۈرىدۇ.433 SS نىڭ سـپېكترى ئاسـمان جىسمىدىكى بىر قىسىم ماددىلارنىڭ سېكۇنتىغا30 مىڭ كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن بىزگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر قىسىم مـاددىلارنـىـڭ سېكۇنتىغا50 مىڭ كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن بىزدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئوخشاش بىر ئاسمان جىسمىدا ئىكـكـى خىل ئەكس يۆنىلىشتىكى ھەرىكـەتـنـىـڭ بـولـۇشـى ئادەتـتـىـكـى تـۇرغـۇن يۇلتۇزلاردا كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولمىغان ھادىسە. شۇڭا،433 SS نىڭ پـەيـدا بولۇشى ئالىملارنى گاڭگىرىتىپ قويدى. كىشىلەر يەنـە1977 - يـىـل9 - ئايدىن11 - ئايغىچە بولغان ئىككى ئايدا433 SS تىكى قىزىلغا سىلجىش مىـقـدارى بىلەن كۆككە سىلجىش مىقدارىنىڭ بارغانسېرى چوڭايغانلىقىنى، يىل ئاخىرىغا بارغاندا يەنە تەدرىجىي كىچىكلىگەنلىكىنى بايقىدى. كىشـىـلـەر ئۇدا كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىكى قىزىلغا سىلجىش ۋە كۆككە سىلجىشتە دەۋرىيلىك ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندى. نۇرغۇن يېڭى ئاسترونومىيىلىك بايقاشلار مـەلـۇم خـىـل ئاسـمان جىـســمـىنـىـڭ دەۋرىيلىك ئالاھىدىلىكىدىن باشلىنىدۇ، شۇڭا، كىشىلەر433 SS تە بـەزى يېڭى ئالەم سىرلىرى يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىمەكتە.433 SS نىڭ زادى نېمىلىكىنى كىشىلەر تا ھازىرغىچـە قىيـاسلا قىلىشىۋاتىدۇ. بەزىلەر ئۇنى قارا ئۆڭكۈر دەپ قارايـدۇ؛ بەزىلەر ئىككى قارىمۇقارشى يۆنىلىش بويىچە ماددا پۈركۈيدىـغـان ئاسـمـان جىسمى دەپ قارايدۇ.
← بارلىق تېمىلار سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى
سىرلىق433 SS | UyghurWiki | UyghurWiki