UyghurWiki
UyghurWikiسىرلىق ئاسمان جىسىملىرىسىرلىق پارتلاش

سىرلىق پارتلاش

سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى سامانيولى سىستېمىسىغا ئوخشاش قايناملىق يۇلتۇزلار سىستېمـىـسـى ۋە نۇرغۇن غايەت زور ئېللىپسسىمان يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ يـادرو قىسمى ئىنتايىن تىنچسىز رايون ھېسابلىنىدۇ. سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمىدىـكـى A غايەت زور ئېللىپسسىمان يۇلتۇزلار سىستېسمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ مـەركـىـزىـي يادروسىنىڭ رەسىمىدىن يـورۇق ئۇزۇن سىزىقنىڭ يادرو قىسمىدىن ئۇزىراپ چىققانلىقىنى، قىزىل رەڭلىك مەركىزىي يـادروسـى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بەكمۇ كۆك كۆرۈنىدىغانلـىـقـىـنـى، ئۇنـىـڭ ئىـكـكى ئۇچىدا يەنە ئىككى يورۇق نۇقتا بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كۆزىتىش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نۇرغۇن پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇلار يۇلتۇزلار سىستېمىسى يادروسىدىن ئېتىلىـپ چىققان كۈچلۈك ھاۋا ئېقىمى بولۇپ، سۈرئىتى تەخمىنەن سېكۇنتىغـا2500 كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن5000 يورۇقلۇق يىـلـى كېلىدۇ. بـۇ يـۇلـتـۇزلار سىستېمىسى يادروسىنىڭ كۈچلۈك پارتلىغاندىكى ئاجايىپ مەنزىرە بـولـۇپ، بۇ خىل پارتلاش ئېنېرگىيىسى ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزلار پارتلىغاندىكى ئېنېرگىيىنىڭ10 مىليون ھەسسىسىدىن ئاشىدۇ. سېيفېرت يۇلتۇزلار سىستېمىسى يۇلتۇزلار سىستېـمـىـسـى يـادروسـىـنـىـڭ ھەرىكىتى بىنورمال بولغان يۇلتۇزلار سىستېمىسى بولۇپ، ئۇنـىـڭ يـادروسىـدا دائىـم كـۈچـلـۈك پـارتلاش بـولـىـدۇ. مـەسىلەن،415 CGN يـۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ يادروسى ئىنتايىن يورۇق، بۇ جايدا ھەر يىلـى تـەخـمىنەن100 قۇياشقا باراۋەر كېلىدىغان ماددا ئېتىلىپ چىقىدۇ، بـۇنـىـڭ ئومـۇمـىـي ئېنېرگىيىسى100 مىليارد قۇياشتىن چىققان يورۇقلۇققا بـاراۋەر كېلىدۇ. ھازىر بەزى كۈچلۈك رادىئو مەنبەلىرىنىڭمۇ پارتلاش يۈز بـەرگـەن يـۇلـتـۇزلار سىستېمىسى ئىكەنلىكى بايقالدى. ئاسترونوملار ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمـى A نىڭ ئىككى تەرىپىدىكى رادىئو دولقۇنى تارقىتىدىغان ئىككى «كۆز قارىچۇقى» نـىـڭ ئۇنىڭ مەركىزىي قىسمىدىكى زور پارتلاشنىڭ مەھسۇلى؛ سېنـتـاۋر يـۇلتۇز تۈركۈمى A نىڭ دەل ئوتتۇرىسىنى قاراڭـغـۇ ھەم كـەڭ بـەلۋاغ كـېـسـىـپ ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكىسى يۆتكىلىشچان گاز جىـسىـم بـولۇپ، نـۇرغـۇن تۇرغۇن يۇلتۇزلار مۇشۇ گاز جىسىملاردىن بارلىققا كېـلـىـدۇ، دەپ قـارايـدۇ. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئېللىپسسىمان يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ ئىـچكى قىسمىدا گاز جىسىم يوق، بۇ جايدىكى گاز جىسىـملار كۆپ قېتىملىق پارتلاشنىڭ مەھسۇلى. بـۇ ئۇنـىـڭ ئېلېكتر دولقۇنى تارقىتىدىغان تۆت دانـە «كـۆز قارىچۇقى» نىڭ ھەرىكىتى داۋامىدا ئىسپاتلاندى. نۇرغۇن پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يۇلتۇزلار سىستېمىسى مەركىـزىي يادروسىنىڭ پارتلىشى ھەرگىزمۇ پەۋقۇلئاددە ھادىسە ئەمەس، ئەمەلـىـيـەتـتـە نۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمىسى يادروسىدا ئوخشاش بولمىـغـان دەرىـجـىـدە پارتلاش يۈز بېرىدۇ. سامانيولى سىستېمىسى ھازىر قارىماقـقـا ئىـنتايىن تـىـنـچ تۇرسىمۇ، لېكىن10 مىليون يىل ئىلگىرى مەركىزىي قىسمىدا ئانچە كۈچلـۈك بولمىغان پارتلاش يۈز بەرگەن. ئەپسۇسلىنارلىقى، يۇلـتـۇزلار سىـستېمىـسى يادروسىنىڭ پارتلىشىنىڭ سەۋەبى ھازىرغا قەدەر ئېچىلمىدى. بەزى ئالىملار بۇ خىل كۈچلۈك پارتلاش چوڭ ماسـسىلىق قـارا ئۆڭـكـۈر بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ پەرەز قىلماقتا.
← بارلىق تېمىلار سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى