UyghurWiki
UyghurWikiسىرلىق ئاسمان جىسىملىرىسىرلىق قاينام بىلىكى

سىرلىق قاينام بىلىكى

سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى قايناملىق (سپىرال) يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان چىرايلىـق ئۇزۇن بىلىكى − قاينام بىلىكى بـار بـولـۇپ، قـايـنـام بىلىكىدە زىـچ قىستىلىشىپ تۇرغان يۇلتۇزلار ۋە گاز جىسىم توزانـلىرى بـار. ھالـبـۇكـى، قاينام بىلىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى چۈشىنىش قىيىن. ئادەتـتـە، تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە يۇلتۇزلار سىستېمىـسـى يـېسسـى يـۇمـىلاق تەخسە شەكلـىـدە بـولۇشى كېرەك ئىدى، ئۇنىـڭ قـاينـاملىق تۈزۈلمىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ۋاقىتلىق قاينام بىلىكى پەيدا بولدى دېگەن تەقدىردىمۇ، يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش جەريانىدا ئىچى تەرىپىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئايلىنىشى تېز، سىرتىدىكىلىرىنىـڭ ئاستا بولغانلىقتىن، يۇلتۇزلار سىستېمىسى شەكىللىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا قـايـنـام بىلىكى چىرمىشىۋالىدۇ. بىراق، سامانيولـى بـارلـىـقـقـا كـەلـگـەنـدىـن تـا ھازىرغىچە، قۇياش سامانيولى مەركىزىنى چۆرىدەپ20 نـەچـچـە قـېتىم ئايلانغان بولسىمۇ، قاينام بىلىكىنىڭ چىرمىشىۋېلىشى بايقالمىدى. بـۇ زادى قانداق ئىش؟ زىچلىق دولقۇنى نەزەرىيىسى بۇ سـوئالـغـا بـىـرقـەدەر ئوبـدان جاۋاب بېرەلەيدۇ. زىچلىق دولقۇنى بىر خىل ئوبرازلىق ئوخشىتىـش. ئەگـەر بـىـر بـۆلـەك تاشيول رېمونت قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، يولدا ئۆتكىلى بولغۇدەك كىچىـكـكـىـنـە يـول قالدۇرۇلدى دەپ قىياس قىلساق، ئۇنداقتا، بۇ جاي ئىنتايىن قىستاڭلىشـىـپ كېتىدۇ، گەرچە ئاپتوموبىللار بىر - بىرلەپ ئۆتۈپ كېتەلىـسىـمـۇ، لـېـكـىـن ئېگىزدىن قارىغىنىمىزدا بـۇ جـاي ئاپـتـومـوبـىـلـغـا تـوشـۇپ كـەتـكـەنـدەك كۆرۈنىدۇ. يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئىچىدە قاينام بىلىكى رېمونت قىلىنـىـۋاتـقـان يول بۆلىكىگە ئوخشايدۇ، بۇ جايدىكى تۇرغۇن يۇلتـۇزلار بـىـرقـەدەر كـۆپ، تارتىش كۈچى كۈچلۈك بولغاچقا، نۇرغـۇن گـاز جـىـسـىـم توزانلىرىنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، تۇرغـۇن يـۇلـتـۇزلارنىڭمۇ بـۇ جـايـدىـن ئۆتكەندە سۈرئىتى ئاستىلاپ قىستاڭـچىلىق يۈز بېرىدۇ، يىراقتىن قارىغىنىمىزدا، قاينامسىمان تۈزۈلمە پەيدا بولـىـدۇ. ئەمـەلـىـيـەتـتـە، قاينام بىلىكىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىپ يۆتكىلىـپ تۇرىدۇ. زىچلىق دولقۇنى بىزگە قاينامنىڭ زادى نېـمە ئىكەنلىكىنىلا چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ خىل زىچلىق تـارقىلىشىنـى زادى نـېـمـە شەكىللەندۈرىدىغانلىقى تېخى ئېچىلمىغان سىر.
← بارلىق تېمىلار سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى
سىرلىق قاينام بىلىكى | UyghurWiki | UyghurWiki