ئاينىڭ ئارقا تەرىپىدىكى سىر
سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى
ئاي شارى يەر شارىنىڭ بىردىـنبـىـر ھەمـراھى، ئاي شـارىـنـىـڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى يەر شارىنى ئايلىنىش دەۋرى بىلەن ئوخشـاش3 .27 كۈن بولغاچقا، ئۇ نەچچە مىليارد يىلدىن بۇيان يەر شارىغا بـىـرلا تەرىپىنى قىلىپ تۇرىدۇ، كىشىلەر ئايـنـىـڭ قـىـيـاپـىـتـىـنـىـڭ %59 ىـنـىلا كۆرەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى قىياپىتىنىڭ قانداقلىـقـى ئىـنـسانىيـەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى مەڭگۈلۈك سىرغا ئايلانغانىدى.1959 - يىـل10 - ئايغا كەلگەندە، سابىق سوۋېت ئىـتـتىپاقىنىڭ «ئاي شـارى −3 » ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئايـنـىـڭ ئارقـا تـەرىـپـىـگە دائىـر تـۇنـجـى تـۈركـۈم رەسىملەرنى تارتتى، ئىنسانلار شۇ چاغدىلا ئاينىڭ ئارقـا تـەرىـپـىـنـىـڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى كۆرەلىدى. بىراق، كۆزىتىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاينىڭ ئارقا تەرىپىدىكى سىرلار ئىلگىرىكىدىن كۆپىيىپ، تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى. بۇ ئاساسلىقى ئاينىڭ ئارقا تەرىپـى بـىـلـەن ئالدى تەرىپىدىكى روشەن پەرق بولۇپ، كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدۇ.
ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپى بىلەن ئالدى تەرىپـىـدىـكـى ئەڭ زور پـەرق ئۇنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئاي شارىدىكـى جـەمئىـي30 نـەچـچـە «دېڭىز - ئوكيان، كۆل، سازلىق، قولتۇق» قاتارلىق ئويـمـانـلـىـق قۇرۇلمىسىنىڭ %90 تىن كۆپرەكى ئاينىڭ ئالدى تەرىپىدە بـولـۇپ، يـېـرىـم شار ھەجمىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلەيـدۇ. ئاينىڭ ئارقا تەرىپىـدە مۇكەممەل «دېڭىز» دىن ئىككىسىلا بـار، ئۇ ئارقـا تـەرەپ يـېـرىـم شـار ھەجمىنىڭ %10 ىنىمۇ ئىگىلىمەيدۇ، قالغان %90 تىن كۆپـرەكى تـاغـلـىـقتىن ئىبارەت، تاغلىقلار بىرنەچـچـە غـايـەت زور مـەركـەزداش چەمبەرسىمان قۇرۇلما ھالىتىدە تارالغان بولۇپ، يەر شەكلى تولىمۇ ئېگىز - پەس، بۇ خىل يەر تۈزۈلۈشى ئاينىڭ ئالدى تەرىپىدە يوق.
يەنە بىر غەلىتە ئىش شۇكى، ئاي شارىـنـىـڭ ئەڭ ئۇزۇن رادىئۇسـى ۋە ئەڭ قىسقا رادىئۇسى ئاينىڭ ئارقا تەرىپىدە ئىكەن. ئادەتتە ئاسترونومىيە كىتابلىرىـدا ئاي شارىنىڭ دىئامېتىرى3476 كىلومېتىر، رادىئۇسى1738 كىلـومـېـتـىـر دېيىلىدۇ، بۇ، ئوتتۇرىچە قىممەتنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاي شارىـنـىـڭ ئەڭ چوڭ رادىئۇس قىسمى ئوتتۇرىچە رادىئۇستىن4 كىـلـومـېـتـىـر ئۇزۇن، ئەڭ كىچىك قىسمىمۇ ئوتتۇرىچە رادىئۇستىن5 كىلومېتىر قـىـسـقـا بـولـۇپ، بۇلار ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدە ئىكەن.
ئاي شارىنىڭ ئالدى - ئارقا تەرىپىدىكى پەرق يەنە ئاي ئۆسمىـسـىـنـىـڭ ئالدى تەرەپكە مەركەزلەشكەنلىكىدە ئىپـادىـلـىـنـىـدۇ. ئاي ئۆسـمـىـسـى ئاي ماسسىسى ئۆسمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ، ئاي شارى يۈزىدىكى ئېغىـرلـىـق كۈچى بىرقەدەر چوڭ جاي، ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ جايلاردىكـى ئاي يۈزى ئاستىغا يۇقىرى زىچلىقتىكى ماددىلار بىرقەدەر كۆپ مەركەزلەشكـەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاي شارىدىكى بەزى جايلاردا ئېغىـرلـىـق كـۈچـىـنـىـڭ تارقىلىشى نورمال قىممەتتىن كىچىك. ئەجەبلىنەرلىكى، ئاي ئۆسـمىـسى بـار ئوڭ بىنورمال رايون ۋە ئېغىرلىق كۈچى كىچىكرەك تەتۈر بىنورمـال رايـونلار ئايـنـىـڭ ئالدى تەرىپىدە بولۇپ، نۇرغۇن جايلاردا بايقالغان، ئاينـىـڭ ئارقىسىدا بولسا ھېچ يەردە ئۇچرىمايدىكەن.
ئاي شارىنىڭ ئالدى تەرىپى بىلـەن ئارقـا تـەرىپىـدىـكـى بـۇ روشـەن پەرقلەر قانداق پەيدا بولغان؟ ئىلىم - پەن ساھەسىدە بۇ توغـرىـدا ئوخـشـاش بولمىغان قاراشلار بار. بەزىلەر يەر شارى ئايلىنىپ قۇياش بـىـلـەن ئاي ئارىـلـىـقـىـغـا كەلگەندە، ئايدا كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى (يەر شارىدا بولسا ئاينىڭ تـولـۇق تۇتۇلۇشى) يۈز بېرىدۇ، كۈننـىـڭ تولۇق تۇتۇلـۇشـى ئايـنـىـڭ ئالـدى تەرىپىدىكى غايەت زور تېمپېراتـۇرا پـەرقـىـنـى شـەكـىـلـلـەنـدۈرىـدۇ، ئۇدا داۋاملاشقان تېمپېراتۇرىـدىـكـى ئۆزگـىـرىـش ئالـدى تـەرەپ بـىلەن ئارقـا تەرەپتىكى پەرقنى شەكىللەندۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بەزىلـەر، يـەر شـارىـنـىـڭ ئاي شارىنى تارتىشى بىـلـەن ئاي شـارىـدا دېـڭـىز دولقۇنى كـۆتـۈرۈلۈپ - تۆۋەنلىگەندەك ھادىسە، يەنى، «قاتـتىق دولقۇننىڭ كۆتۈرۈلۈپ - پەسىيىش» ھادىسىسى پەيدا بولۇپ، ئالدى تەرەپ بىلەن ئارقا تـەرەپـتىكى پەرقنى پەيدا قىلغان، دەپ قارايدۇ. بىراق، بۇ چۈشەندۈرۈشلەر كىشىنى ئانچـە قايىل قىلالمايدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاينىڭ ئارقا تەرىپىنىڭ سىـرىـنـى ئاي شارىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىـق چۈشەندۈرۈش كېرەك، دەپ قارايدۇ، لېكىن بۇ ھەقتە بۈگۈنگە قەدەر بىرەر مۇۋاپىق چۈشەنـدۈرۈش بېرىلگىنى يوق.