قۇياش سىستېمىسىدىكى سىرلىق10 - پلانېتا
سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى
1930 - يىلى پلۇتون بايقالغاندىن كېيىن، قۇياش سىستېمىسىدا9 پلانېتا بار بولدى، ئۇلار زەيتۇن شەكلىدە تىزىلغان بولۇپ، يۇپىتېر بىلەن ساتۇرن ئوتتۇرىدا، ئۇلارنىڭ ھەجمى ئەڭ چوڭ؛ مېركـۇرىي بىلەن پلۇتون ئىككى چەتتە، ئۇلارنىڭ ھەجـمـى ئەڭ كىچىك. ھازىـر قـۇيـاش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسى5 مىليارد900 مىليون كىلومېتىر بولۇپ،5 .39 ئاسترونومىيە بىرلىكىگە توغرا كېلىدۇ.
تارىختا بەزىلەر قۇياش سىستېمىسىدا5 چوڭ پلانېتا بار دەپ كېسـىـپ ئېيتقان ئىدى، بىراق ھازىر9 پلانېتا بار بولدى. ئۇنداقتا پلـۇتـون قـۇيـاش سىستېمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پاسىلىمۇ؟ قۇياش سىستېمىـسـىـدا10 - پلانېتا بارمۇ - يوق؟ بۇ سوئالغا تا ھازىرغىچـە يەكۈن چىقىرىلمىدى. ئاسترونوملارنى ھەيران قالدۇرۇۋاتقىنى شۇكى، ئۇرانـنـىـڭ ھەرىـكـەت ئوربىتىسىدىن چەتنەپ كېتىش ھادىسىسى داۋامىدا نېپتۇن ۋە پلۇتون ئارقا - ئارقىدىن بايقالغان بولسىمۇ، ئۇراننىڭ نەزەرىيىۋى ھېسابلانغان ئوربىـتـىـسـى بىلەن ئەمەلىي كۆزىتىش نەتىجىسى ئوتتـۇرىـسىدىكى خاتالىق پەرقى تۈگىتىلگىنى يوق؛ ئوخشاشلا، ئۇران، نېپتۇننىڭ پلۇتونغـا تـەسىر كۆرسىتىشى ئارقىلىقمۇ پلۇتوننىڭ ھەرىكىتىدىكى خاتالىق پـەرقـىـنـى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئاسترونوملار پلۇتوننىڭ سىرتـىـدا قۇياشتىن تېخىمۇ يىراقتىكى ئوربىتىدا بىزگە نامەلۇم چوڭ پـلانېتا بـار دەپ ھۆكۈم قىلدى.
بوئورادى ھاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزىنىڭ ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ قۇياشقا يېقىن نۇقتىغا يېتىپ بېرىش ۋاقتىدا روشەن دەۋرىيلىك خاتالىق پەرقى بارلىقىنى بايقىدى. ئۇ، بۇنى ماسسىسى ئىنتايىن چوڭ نامەلـۇم پلانېتانىڭ ھاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبى دەپ قارىدى. ئۇنىڭ ھېسابلىشىچە،10 - پـلانېتا قۇياش سىستېمىسى ئىچىدە يۇپىتېردىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ پلانېتا بولۇپ، يۇپىتېرغا ئوخشاشلا ئۆز سىستېمىسى بولۇشى، بىر گۇرۇپپـا ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە ئايلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.1766
- يىلىلا گېرمانىيىلىك ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسـى تـىـدىـيـۇس پلانېتالارنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقىدا مەلۇم خىل ماتېماتىكىلىق قانۇنىيەت بارلىقىنى، بۇنى سان قاتارى ئارقىلىق ئىپادىـلەشكە بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بىراق، بۇ سان قاتارى قۇياش سىستېمىسىنىڭ9 - پلانېتاسى پلۇتونغا باب كەلمەيدۇ. شۇڭا، بەزىلەر بـۇنـى پلۇتوننىڭ سىرتىدا10 - پلانېتانىڭ مەۋجۇت بولغانلىـقـى، بـۇ نـامەلۇم پلانېتانىڭ ئاستىرتىن تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىدىن كۆرىدۇ.1978
- يىل7 - ئاينىڭ7 - كۈنى ئامېرىكىلىق دوكتۇر J.W خرىستـېـي پلۇتوننىڭ بىر ھەمراھىنى بايقاپ، ئۇنى »كارلو« دەپ ئاتىدى. دەسـلـەپـكـى تەھلىللەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ، پلۇتوننىڭ ماس قەدەملىك ھەمـراھى ئىـكـەن. بۇ بايقاش10 - پلانېتانى تېپىشنى يىپ ئۇچـى بـىـلـەن تـەمـىـن ئەتـتـى. خۇددى بەزى ئالىملارنىڭ بېشارەت بەرگىنىگە ئوخشاش، پلۇتون نېپتۇننـىـڭ ھەمراھى بولۇشى، ماسسىسى بىرقەدەر چوڭ يەنە بىر پلانېتانىڭ نېپتۇننىـڭ ھەمراھ سىستېمىسىدىن ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن، مانا بۇ كىشىلەر تاپماقچـى بولغان10 - پلانېتا بولسا كېرەك. ئامېرىكىلـىـق ئاسـتـرونـوملار مـۇشـۇ ئويغا ئاساسەن، پلۇتون قۇياشقا يېقىن نۇقتىغا يېقىنلىشىشتىن ئىلگىرى ئالـەم بوشلۇقى تېلېسكوپىنى قويۇپ بېـرىـپ، پـلـۇتـون بـىلەن نـېـپـتـۇنـنـىـڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەمراھلارنى تـېپىـش ئۈمىدىدە بولۇۋاتىدۇ.