يۇپىتېردىكى سىرلىق قىزىل داغ
سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى
1973 - يىل12 - ئايدا ئامېرىكىنىڭ «ئاۋانگارت −10» ناملىق ئالەم كېمىسى يۇپىتېرنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ رەڭلىك سۈرىتىنى تارتتى. كىشىلەر يۇپىتېرنىڭ جەنۇبىي يېرىم شارىدا ئوچۇق ماندارىن قىزىلى رەڭلىك چوڭ داغنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. بۇ داغ روبېرت فوركېر1664 - يىلى سىزغان يۇپىتېرنىڭ رەسىمىدىكى قىزىل داغقا بەكمۇ ئوخشايدۇ، شۇنداقلا1831 - يىلى قالدۇرۇلـغـان يۇپىتېرنـىـڭ سۈرىتى بىلەنمۇ ئوخشاش. بۇ يۇپىتېردىكى قىزىل داغنىڭ ھازىرغا قـەدەر300 يىلدىن ئېشىپ قالغانلىقىنى ھەمدە ئورنىدا بەك چوڭ ئۆزگىرىـش بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ قىزىل داغ زادى نېمە؟ بـۇ، بۈگۈنگە قەدەر ئېچىلمىغان سىر.
ئالىملارنىڭ تەتقىقاتلىرىدىن ئىسپاتلىنىشـىـچە، يۇپىتېر ئاتـمـوسـفـېـرا قەۋىتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃129- قا يېتىـدىـكـەن. لـېـكـىـن، ئامېرىكىنىڭ1973 - يىلىدىكى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، يۇپىتېرنـىـڭ ئىچكى قىسمىدىكى تېمپېراتۇرا ئىنتايىن يۇقىرى ئىكـەن. شـۇنـىـڭ بـىـلـەن بەزىلەر قىزىل داغ يۇپىتېرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تېمپېراتـۇرا ئەڭ يـۇقـىـرى جاي دەپ ھۆكۈم قىلدى. ئۇلار ئىچكى قىسىـمـدىـكـى مـاددىلار تـۈۋرۈكـسـىـمـان قاينامنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز سىرتقا پۈركۈلىدۇ، تـۈۋرۈكـسىمـان قاينام ئاتموسفېراغا تەسىر كۆرسىتىپ، قىزىل ماددىنى شەكىللەندۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق، بۇنداق دېيىشنىڭ ھازىر دەلىل - ئىسپاتى يېتـەرسـىـز. يەنە بەزىلەر قىزىل داغ يۇپىتېردا ھەمراھ پەيدا بـولـغـان جـاي، دەپ قىياس قىلماقتا. يەنە بەزىلەر، قىزىل داغ قىزىل رەڭلىك كاربون (Ⅱ) ئوكسـىـد بـار قـايـنـامـنـىـڭ يۇپىتېردىكى ئاتموسفېرا قەۋىتىدە يۆتكىلىشىدىن شەكىللەنگەن، دەپ قارايدۇ.
يۇپىتېرنىڭ جەنۇبىي شارىدا يەنە غايەت زور ئېللىپسسىمـان ئاق نـۇقـتـا بولۇپ، بەزىلەر بۇ يۇپىتېرنىڭ يۈزىدىكى قارا بوران شـەكـىـلـلـەنـدۈرگـەن بۇلۇت تۈۋرۈكى، يۇپىتېر قاتتىق بوران چىقىدىغان جاي، دەپ قارايـدۇ. يـەنـە بەزىلەر قىزىل داغ غايەت زور بوران - چاپقۇن بولۇشى مۇمكىن، سىـرتـتـىـن قارىغاندا غايەت زور قاينامغا ياكى سائەت ئىسترېلكىسىغا قارشى يۆنىلىـشـتـە تېز ئايلىنىۋاتقان ھەمدە شىددەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان كۈچـلـۈك ھاۋا قاينىمىغا ئوخشايدۇ، ھاۋا قاينىمىدا قىزىل فوسفورلۇق بىرىكـمىلەر بولغاچقا، قىزىل رەڭدە بولىدۇ، دەپ قىياس قىلماقتا.
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى قىـيـاس بـولـۇپ، يـەنـىـمـۇ ئىـلـگـىـرىـلـەپ ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ.