UyghurWiki
UyghurWikiسىرلىق ئاسمان جىسىملىرىسىرلىق قارا ئۆڭكۈر

سىرلىق قارا ئۆڭكۈر

سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى ئاسترونوملارنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسلانغاندا، ئالەمدە سىرلىق بىر خىـل ئاسمان جىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ تارتىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك، سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان يورۇقلۇقمۇ ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى كۆرەلـمـەيـدۇ، ئۇ قـارا ئۆڭكۈر دېيىلىدۇ. قارا ئۆڭكۈر ئەمەلىي مەۋجۇت ئاسمان جىسمى ئەمـەس، بـەلـكـى ئاساسەن قـۇپـقـۇرۇق ئاسمان رايونى. قارا ئۆڭكۈر يەنە ئالەمدىكى مـاددىلارنىڭ زىـچلىقى ئەڭ يۇقىرى جاي، يەر شارى ئەگەر قارا ئۆڭكۈرگە ئايلىنىپ قالسا، بىر دانـە سېرىق پۇرچاقچىلىكلا كېلىدۇ. ئەسلىدە قارا ئۆڭكـۈردىكى ماددىلار بـۇ ئاسـمان رايونىغا تەكشى تارالغان ئەمەس، بەلكى بۇ رايوننىـڭ مـەركـىـزىـگـە يىغىلغان. بۇ ماددىلار ئىنتايىن كۈچلۈك تارتىش كۈچىگە ئىگە بـولـۇپ، ھەرقانداق جىسىمنىڭ ئۇنىڭ ئەتراپـىـدا ئايـلـىـنـىـپ يـۈرۈشـىـگىلا بولىدۇ، ئېھتىياتسىزلىقتىن پاسىلدىن ئۆتۈپ كەتسە، غـايـەت زور تـارتـىـش كۈچى ئۇنى مەركەزگە تارتىدۇ، ئاخىـر تـوزانـغـا ئايـلـىـنىپ، قـارا ئۆڭكۈرنىڭ مەركىزىگە كىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا، قارا ئۆڭكۈر ئىسمـى - جـىـسـمـىـغـا لايىق ئالەم بوشلۇقى زومىگىرى. قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئىچكى قىسمـىـدا مـۇشـۇنـداق غـايـەت زور تـارتـىـش كۈچىنىڭ بولۇشى ئۇنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ماسـسـىـسـى قۇياشنىڭكىنىڭ20 ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولغان بىر دانـە تـۇرغـۇن يـۇلـتـۇز ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلىشىنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قالغان قىسمـىـنـىـڭ ماسسىسىمۇ يەنىلا قۇياش ماسسىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇ قىـسىـم ماددىنىڭ تارتىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، جىددىي تارىيىدۇ. گەرچە تارىيىش جەريانىدا ئىچكى قىسىمدا تارىيىشـقـا قـارشـى تۇرىدىغان بېسىم كۈچى شەكىللەنسىمۇ، لـېـكـىـن مـۇشـۇنـداق غـايـەت زور تارتىش كۈچى ئالدىدا ھېچنېمىگە دال بولماي قـالـىـدۇ. تـارىـيـىـشـنـىـڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، مولېكۇلا، ئاتوم، ھەتتا ئاتوم يادروسىمۇ قىسىلىپ يېرىلىپ، ئاخىرىدا ئىنتايىن يۇقىرى زىچلىـقـتـىـكـى تـارتـىـش كـۈچـى مەركىزىنى شەكىللەندۈرىدۇ. قارا ئۆڭكۈرنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمىغانىكەن، ئاسترونوملار ئۇنـى قانداق بايقىغان، شۇنىڭدەك ئۇنى قانداق كۆزىتىدۇ؟ بۇنىڭدا ئاساسلىقى قارا ئۆڭـكـۈر رايونىدىكى غايەت زور X نۇرى مەنبەسى ئارقىلىق كۆزىتىلىدۇ. قارا ئۆڭكۈر ھېچقانداق نۇر تـارقاتمايدۇ، بىراق، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جىسىم ۋە ئاسمان جىسىملىرىغا بولغـان غـايـەت زور تارتىش كۈچى يەنىلا مەۋجۇت بولىدۇ. ئەتـراپـىـدىـكـى مـاددىلار ئۇنىڭ غايەت زور تارتىش كۈچى تەرىپىدىن تارتىلغان ھەمـدە تـەدرىـجـىـي قـارا ئۆڭكۈرگە چۈشكەندە غايەت زور X نۇرىنى چىقىرىپ، بوشلۇقتىكى X نۇرى مەنبەسىنى شەكىلـلـەنـدۈرىـدۇ. X نـۇرى مـەنـبـەسـىـنى ئىـزدەش، كۆزىتىش ئارقىلىق، قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئىزىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئاسترونوملار ئۇزاقتىن بۇيان قارا ئۆڭكۈرنـىـڭ ئىـزىـنـى ئىـزدەپ تـا ھازىرغا قەدەر ئارزۇسىغا يېتەلمـىـدى. شـۇنـداق بـولـسـىـمـۇ، ئالـىـملار قـارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن قىلچە گۇمانلانمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى
سىرلىق قارا ئۆڭكۈر | UyghurWiki | UyghurWiki