تۇنگۇستىكى سىرلىق زور پارتلاش
سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى
1908 - يىل6 - ئاينىڭ30 - كۈنى سەھەر سائەت7 دىن15 مىنۇت ئۆتكەندە، سىبىرىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان تۇنگۇس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ۋاناۋالا بازىرىنىڭ شىمالىدىن50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قويۇق ئورمانلىق ئۈستىدە توساتتىن قۇياشتىنـمـۇ يـورۇق غـايـەت زور ئوت شـارى پەيدا بولۇپ، تۈتۈن چىقىۋاتقان ئۇزۇن قۇيرۇقىنى سۆرەپ، گۈلدۈر - قاراس قىلغان غەلىتە ئاۋاز چىقىرىپ تۆۋەنلەيدۇ. كىـشىلەر بۇنىڭدىن قورقۇپ ھاڭ - تاڭ قېلىشىدۇ، ھەش - پەش دېگۈچە ئوت شارى بوشلۇقتا شىددەتلىك پارتلاپ، غايەت زور ئوت تۈۋرۈكى كۆككە ئېتىـلـىـپ چىقىدۇ، ئارقىدىنلا قارا موگۇسىمان بۇلۇتقا ئۆزگىرىپ، كۆككە كۆتۈرۈلىدۇ، قارا بوران ئوتتەك ئىسسىقلىقنـى ئېلىپ مەركەزدىن تـۆت ئەتراپقا تارقىلىدۇ.160 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرغان بەستلىك ئەزىمەتلەرنى ئىسسىقلىق دولقۇنى يول بويىدىكى ئۆستەڭگە چۈشۈرۈۋېتىـدۇ،400 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چېركاۋنىڭ ئۆگزىسى قومۇرۇلۇپ كېتىدۇ،800 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تۆمۈريول رېلـىـسـى يـەر يـۈزى بـىـلـەن تـەڭ سىلكىنىدۇ،1000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كىشىلەر مىسلىسىز پـارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلايـدۇ. بۇ چاغدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سېيسموگراف، ماگنىتومېتىرلار ئىنتايىن بىنورمال سانلىق مەلۇمات ئۆزگىرىـشىنى خاتىرىلەيدۇ. پارتلاش پەيدا قىلغان چاڭ - توزان ئۇدا ئىككى كېچە كـۆكـنـى كۈندۈزدەك يورۇتۇۋېتىدۇ،8000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شوتلاندىيىدىمۇ ئۇنىڭدىن تارقالغان نۇرنىڭ يورۇقىدا كىتاب، گېزىت ئوقۇغىلى بولىدۇ.
بۇ، ئىنسانلار تارىختىن بۇيان ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقى بىـلـەن ئاڭلىغان ئەڭ زور پارتلاش. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشـىـچـە، ئۇنـىـڭ ئېنېرگىيىسى35 مىليون توننا TNT پارتلىتىش دورىسىغا يـاكـى1945 - يىل8 - ئايدا ياپونىيىدىكى خروشماغا تاشلانغان ئاتوم بومبىسىدىـن نـەچچـە مىڭنى بىرلا ۋاقىتتا پارتلاتقانغا باراۋەر كېلىدىكەن.
تۇنگۇستا زور پارتلاش يۈز بەرگەن90 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بـۇيـان، نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك ئالىملار نەق مەيداننى كۆپ تەرەپلىمىلىك تەكشۈرۈپ ۋە تەھلىل قىلىپ ھېـسابلاب ۋەقە تۇغدۇرغۇچى بـاش جىنايەتچىنى تېپىپ چىقىشقا ئۇرۇندى. ئەڭ دەسلىپىدە بەزىلەر مېتېئورىتنـىـڭ يەرگە چۈشۈش قىياسىنى ئوتتـۇرىغا قـويـدى، بىراق نـەق مـەيـدانـدا نـە مېتېئورىت ئازگىلى، نە بىرەر پارچە چوڭراق مېتېئورىت پارچىسى يوق ئىدى.2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بەزىلەر ئاتوم بومبىـسـى پـارتلاش قىياسىنـى ئوتتۇرىغا قويدى، بىراق،1908 - يـىـلـى ئىنسانلار تېخى ئاتـوم يـادرو ئېنېرگىيىسىدىن خەۋەرسىز ئىدى. مەلۇم بىر فانتازىيە يازغۇچىسى بۇنى مارسلىقلارنىڭ يادرو ئېنېرگىيىلىك ئالەم كېمىسى بىـلەن زىيارەتكە كەلگەنلىكى دەپ قىياس قىلدى، بىراق ھازىر مارستـا ھەتتا ئىـپـتـىـدائىـي ھاياتلىقنىڭمۇ يوقلۇقى مەلۇم بولدى، نەق مەيـداننى تەكشۈرۈشـتىنمۇ ھېچقانداق يادرو رادىئاتسىيىسىگە دائىر ئىسپات بايقالمىدى.20 - ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىدىن كېيىن يەنە بەزىلەر قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ چۈشۈش تەلىماتى؛ ئانتى ماددىلىق ئاسمان جىسملىرىنىڭ ماسسىسى يىمىرىلىپ ئېنېرگىيىگە ئايلىنىش تەلىماتى؛ ئاق قۇ يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى61 - نومۇرلۇق يۇلتۇز تارقاتقان لازېر نۇر تەلىماتى ... قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ قىياسلار ھازىـرقـى زامان ئاسترونومىيىسى ۋە فىزىكىسىنىڭ مـۇۋەپـپەقىيەتلىرى ئاساسىغـا قۇرۇلغاچقا، قائىدىلىرى ئىشەنچلىـك، ئەپـسۇسكى، بـۇ قـىـيـاسلاردا تەسەۋۋۇردىن باشقا ئىسپات يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئېتىراپ قىلىنمىقى تەس. شۇڭا، تۇنگۇستىكى زور پارتلاش تا ھازىرغىچە ئەسىر سىرى بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.