UyghurWiki
UyghurWikiسىرلىق ئاسمان جىسىملىرىسىرلىق «تاشقى پلانېتا كىشىلىرى»

سىرلىق «تاشقى پلانېتا كىشىلىرى»

سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى بۈگۈنگە قەدەر بىزگە ئىنسانلارنىڭ ئالەمدىكى ئەقىلگە ئىگە جانـلـىـقلار تۈرى ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇنداقتا، ئالەمدە ئەقىلگە ئىگە باشقا ھاياتلىق بارمـۇ؟ بۇ ئاتالمىش «تاشقى پلانېتا كىشىلىرى» مەسىلىسى جـۇڭـگـو ۋە چەت ئەللەردىكى ئالىملارنى ئىـزچـىـل گاڭگىرىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئاساسىي نۇقتىنى رىۋايەت، ئەپسانە ياكى خىيالغا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ بۈگۈنگـە قـەدەر ھاياتلىق، بولۇپمۇ ئەقىلگە ئىگە ھاياتلىقنىڭ مـەۋجۇت بولۇش شەرتى توغرىسىدىكى تونۇشى ۋە ئاسترونومىيە تەتقىقاتىنىڭ يەكۈنىگە قويۇش كېرەك. ئىنسانلار يەر شارىدا ياشايدۇ، قۇياش ھاياتلىقنىڭ يېتىلىشىدىكـى تـۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، شۇڭا ئەقىلگە ئىگە ھاياتلىقنى تـېـپـىـش مەسىلىسىدە قۇياشقا ئوخشاپ كېتىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇز ۋە مـۇشۇ خىل تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئايلىنىدىغان يەر شارىغا ئوخشاش پلانېتانىڭ مەۋجۇتلـۇق ئىمكانىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ سـامانيولى سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمىز بـەك ئاز، ھەتتا سامانيولى سىرتىدا قانچىلىك يۇلتۇزلار سىستېمىسى بارلىقىمۇ ئېـنـىـق ئەمەس. ئالىملار ئېھتىياتچانلىق بىلەن نەزىرىنى قۇياش سىستېمىسـى تۇرۇۋاتقان سامانيولى سىستېمىسىغا مەركەزلەشتۈردى. ئەگەر تۇرغۇن يۇلتۇز بەك چوڭ بولسا ئۆمرى قىسقىراق بولىدۇ؛ ئەگـەر تۇرغۇن يۇلتۇز بەك كىچىك بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پلانېتادا ئېكولوگىيە چەمبىرىنىـڭ شەكىللـىـنىشـى ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇز يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولسـا مۇقىملىقى ناچار بولىدۇ؛ تېمپېراتۇرا بەك تۆۋەن بولسا پلانېتانى يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ33 .0 ~4 .1 ىگە توغرا كېلىدىغان، يۈز تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولغان تۇرغۇن يۇلتۇز، يەنى قۇياش تىپىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا ھاياتـلىق پـەيـدا بولالايدۇ. سامانيولى سىستېمىسىدا بۇ تۈردىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار تەخمىنەن4 /1 قىسىمنى ئىگىلەيدۇ. ئەگەر تۇرغۇن يۇلتۇز قۇياش تىپىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇز بولسا ئۇ يەنە باشقـا شـەرتنى قانائەتلەندۈرگەندىلا ھاياتلىقنىڭ بۆشۈكى بولالايدۇ. ئالدى بىلـەن سامانيولى سىستېمىسىدا تەخمىنەن % 60 قۇياش تىپىدىكـى تۇرغۇن يۇلتۇز بـاشـقـا تۇرغۇن يۇلتۇزلار بىلەن جۈپ - جۈپ تۇرىدۇ، بۇ قوش يۇلتۇز سىستېمىسى دېيىلىدۇ. قۇياش تىپىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇز غايەت زور تۇرغۇن يۇلتۇز بىلەن ئەمەس، بەلكى كىچىك تۇرغۇن يۇلتۇز ياكى قۇياش تىپىدىكى يەنە بىر تۇرغۇن يۇلتۇز بىلەن ھەمراھ بولغاندىلا ئېكولوگىيە چەمبىرى شەكىللىنىشى مۇمكىن. مۇشـۇ ئامىلنى نەزەرگە ئالغاندا، قۇياش تىپىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئىچىدە ئېكولوگىيىلىك چەمبەر بارلىرى3 /2 قىسىمنى ئىگىلەيدۇ. ئىككىنچى، ھاياتلىق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى تۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا كاربون، ئوكسىگېن، ئازوت، گۈڭگۈرتـقا ئوخـشـاش «ھاياتلىق ئېلېمېنتى» بولۇشى كېرەك، ھالبۇكى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ چېتىگە جايلاشقان ھەمدە نەچچە يۈز مىليون قېتىملاپ ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزلارنىڭ پارتلىشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن شەكىللەنگەن ئىككىنچى ئەۋلاد يۇلتۇزلار ئائىلىسى Ⅰ تۇرغۇن يۇلتۇزلا بۇنداق مول ئېلېمېنتلارغا ئىگە. پايدىلىق ئېكولوگىيە چەمبىرىنى ھازىرلىغان قۇياش تىپىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ %10 ىلا ئىككىنچى ئەۋلاد يۇلتۇزلار ئائىلىسى Ⅰ تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇپ، مۇشۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى قۇياش تىپىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭلا ئۆزىنى ئايلىنىـدىـغـان يـەر شـارى تىپىدىكى پلانېتاسى بولۇشى مۇمكىن. ئۈچىنچى، ئەگـەر تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ شەرتى يۇقىرىقى تەلەپلەرنى قانائەتلەندۈرسە، ھەتتا بىر تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ فىزىكىلىق، خىمىيىلىك ھالىتى قۇياشنىڭكى بىلەن ئوپمۇئوخشاش بولسا، ئۇنىڭغا تايىنىدىغان پلانېتا بولۇشىنىڭ ئىككىدىن بىر ئېھتىماللىقىلا بولىدۇ. تۆتىنچى، شۇنداق پلانېتا بولغان تەقدىردىمۇ ماسسىسـى يېتەرلىك چوڭ (يەر شارى ماسسىسىنىڭ4 .0 ھەسسىسىدىن يۇقىرى) بولغاندىلا، مۇقىم ئاتموسفېرا قەۋىتىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ؛ پلانېتا ئوربىـتىسىنىڭ مەركەزدىن ئېغىشچانلىقى يېتەرلىك كىچىك بولۇپ، بىر يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىرقەدەر كىچىك دائىرىـدە بولغـاندىلا ھاياتلىقنىڭ بەرداشلىق بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ؛ پلانېتادا ھاياتلىقنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ئۈچۈن قۇرۇقلۇق بولمىسا بولمايدۇ، شـۇنـداقلا قۇرۇقلۇق بەك كىچىك بولسىمۇ بولمايدۇ، ھاياتـلىقنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ئۈچۈن پلانېتانىڭ يېشى4 −5 مىليارد يـىل بولۇشى كېرەك ... ۋەھاكازا. مۇشۇنداق بىر - بىرىنى شەرت قىلغان زۆرۈر شەرتلەرنى تىزىپ كەلسەك، سامانيولى سىستېمىسىدا بۇ تەلەپلەرگە بـاب كېلىدىغـان تۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمىسى بارلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ %1 ىگىمۇ يەتمەيدۇ، شـۇنـداق بـولـغـانـدا سامانيولى سىستېمىسىدا ئەقىلگە ئىگە ھاياتلىق بار پلانـېتالار تەخمـىنەن390 مىليوندىن1 مىلياردقىچە بولىدۇ. بىراق، پەيلاسوپلار بۇ خىل مۆلچـەرگـە مـۇنـداق ئەجەللىك سـوئال قويدى، يۇقىرىدا بايان قىلىـنغـان قۇياش − يەر شارى − ھاياتلىق − ئىنسانلارغا ئاساسەن چىقىرىلغـان ھۆكـۈم ئىـنسان مەركەزچـىلىكى لوگىكىسىنى ئالدىنقى شەرت قىلغـان، ئەجەبا ئىنسانلار ئەقىلگـە ئىگە ھاياتلىقنىڭ بىردىنبىر شەكلىمۇ؟ تامامەن ئوخشاش بولمىغان خىمىيىلىك ئېلېمېنت ۋە فىزىئولوگىيىلىك تۈزۈلمىدىن تەركىب تاپقان «ھاياتلىق» ۋە ئۆزلۈك ئاڭ ئىقتىدارىغا ئىگە جانلىقلار تۈرى ئەجەبا مەۋجۇت ئەمەسمۇ؟ ئالىملارنىڭ بۇ سوئالغـا بـەرگەن جاۋابىنىڭ كۆپىنچىسى ئىنكار قىلىش بولدى، بىراق يەنە ئاز ساندىكىلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئىزدىنىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار سىرلىق ئاسمان جىسىملىرى