UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلاركەلپىن ناھىيىسى

كەلپىن ناھىيىسى

شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار كەلپىن ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە، تەڭرىتاغ تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى، ئاۋات ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقچى ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 151 كىومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 110 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى ئون مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر يېزا، ئۈچ يېزا، 24 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1154 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 38 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار% 97.05 نى، خەنزۇلار % 2.82 نى، باشقا مىللەتلەر % 0.13 نى تەشكىل قىلىدۇ. كەلپىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەن دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەن تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 28 - يىلى ( 1902 - يىلى) كەلپىن تەپتىش بېگىنىڭ ئورنىغا كەلپىن تارماق مۇداپىئە ئامبال نائىبى قويۇلغان. مىنگونىڭ 2 - يىلى (1913 - يىلى) ئامبال نائىبى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، كەلپىن ئاقسۇ ناھىيىسىگە ئايرىپ بېرىلگەن. مىنگونىڭ 4 - يىلى ( 1915 - يىلى) كەلپىن ئامبال ياردەمچىسى قويۇلغان. مىنگونىڭ 19 - يىلى (1930 - يىلى) كەلپىن ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. بۇ ناھىيىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قىيپاش بولۇپ، تاغلىق رايون، ئويمانلىق ۋە تىنما تۈزلەڭلىك ئۈچ قىسمدىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى % 72.4 نى، تۈزلەڭلىك % 27.6 نى ئىگىلەيدۇ. كەلپىن دەرياسى بىلەن قىزىلقۇم دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى بۇلاق سۈيى دەرياسى بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى مىقدارى 83 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 143 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن بۆرە، تۈلكە، ياۋا توڭگۇز، ئارقار، سۇغۇر، ئاق بوغۇز بۆكەن، توشقان، بۈركۈت، ئۇلار، تاغ كەكلىكى قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن يۇلغۇن، ئاق سۆگەت، قوڭغۇراق تىكەن، ياپىلاق ئاچا، كۆك ئەمەن، لوپنۇر كەندىرى، قومۇش قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن گۈڭگۈرت، تۆمۈر، مىس، ئاليۇمىن، فوسفور، سىنك، ئۇران، كۆمۈر، سىڭىرتاش، كۋارتس، سۇ كىرىستالى، قاشتېشى، ھېقىق، ھاك تاش، ئىسلاندىيە شىپاتى، بازالىت قاتارلىقلار بار. كەلپىن ناھىيىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4 ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.9، ھەريىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5.95 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇر 30 تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2796.9 سائەت، 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4378.8. قىروسىز مەزگىلى 213 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 71.6 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2847.1 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 6500 گېكتار ( 97 مىڭ 500 مو)، ئەمەلىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 5000 گېكتار (75 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان، 100 مىڭ گېكتار (1 مىليون 500 مىڭ مو)، چارۋىچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان، ئورمان بىنا قلىشقا كېلىدىغان بوزيەر كۆلىمى ئايرىم - ئايرىم 66 مىڭ 700 گېكتار (1 مىليون مو)دىن توغرا كېلىدۇ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، پاختا، ياغلىق دان قاتارلىقلار بار. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك، ئات، تۆگە قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، سۇ ئېلېكترى، سېمونت، كانچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش قاتارلىقلار بار. كەلپىن ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى ناھىيىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلغان. 1000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كەلپىن تاشقورال خارابىسى، سايات قەدىمىي شەھىرى، تومئېرىق قەدىمىي شەھىرى، سېرىقتوغراق قەدىمىي قەبرىستانلىقى، قىسسىلتاغ بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، چىلان تۇراسى، كونا چىلان خارابىسى، تۇراسى، يايدى تۇراسى، ئاقشەھەر قەدىمىي خارابىسى، قۇم قەدىمىي شەھىرى خارابىسى، چۇدا تېغى قەدىمىي شەھەر خارابىسى، مازار ئېقىن تاش قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار