UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلارپەيزىۋات ناھىيىسى

پەيزىۋات ناھىيىسى

شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار پەيزىۋات ناھىيىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر، كونىشەھەر ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر، كونىشەھەر ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى يوپۇرغا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 140 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 80 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 2.6316 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا 2 بازار، 11 يېزا، 286 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەننىڭ پەيزىۋات دېھقانچىلىق باش مەيدانى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارسىنىڭ قالىغاچ بىنام ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1415 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 283 مىڭ 300 بولۇپ، ئۇيغۇرلار% 97.88 نى، خەنزۇلار% 2.06 نى، باشقا مىللەتلەر% 0.06 نى تەشكىل قىلىدۇ. پەيزىۋات ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى تۇتۇق مەھكىمسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 28 - يىلى ( 1902 - يىلى) قەشقەر دوتەي مەھكىمىسى يېڭىشەھەر ئايمىقىدىن ئايرىپ چىقىپ ناھىيە قىلىپ تەسىس قىلىنغان. مىنگو يىللىرىدا قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە، قەشقەر مەمۇرىي رايونىغا، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي رايونىغا، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1977 - يىلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئايرىپ بېرىلگەن. 1980 - يىلى يەنە قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىلگەن. يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي قىسمى ئېگىز، شەرقىي قىسمى پەس، شىمالىي قىسمى ئېگىز، جەنۇبىي قىسمى پەس. تاغلىق يەر % 8.4 نى، تۈزلەڭلىك 46.6% نى، چۆللۈك، سايلىق، قۇملۇق % 45 نى ئىگىلەيدۇ. قىزىل دەرياسى بىردىبىر دەرياسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى 870 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 799 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، ساي تۈلكىسى قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، يەر مەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، يەر مەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن مىس، گۈڭگۈرت، ياقۇت، گەژ قاتارلىقلار بار. پەيزىۋات ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7 ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.2، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ـ 22.5. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2923.3 سائەت، 10 جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4277.4، قىروسىز مەزگىلى 233 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 54.0 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2251.1 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 40 مىڭ 900 گېكتار ( 613 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 30 مىڭ 900 گېكتار ( 463 مىڭ 500 مو) ئورمان، 240 مىڭ گېكتار (3 مىليون 600 مىڭ مو) ئوتلاق، 28 مىڭ 200 گېكتار (423 مىڭ 600 مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان بوزيەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، كۆممىقوناق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە ئاساس قىلىنىدۇ. جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە داڭقى <پەيزىۋات قوغۇنى> ئىچكىرىدىكى 22 ئۆلكە، 54 شەھەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرى شۇنىڭدەك چاۋ شىيەن، ياپونىيە، سىنگاپور، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلماقتا. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئېشەك ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، كۆن - خۇرۇم، مەتبۇئاتچىلىق، پاختا چىقىرىش ۋە ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 314 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزا يوللىرى ئاسفالت يول بولۇپ، تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش بىرلەشمە تورىغا كىرگۈزۈلدى. يەر ئاستى سۇ تۇرۇبىسى قەشقەر شەھىرىنىڭ يەر ئاستى سۇ تۇرۇبىسىغا ئۇلىنىپ، يىلىغا 457 مىڭ توننىدىن كۆپرەك سۇ بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. ھازىر ناھىيە بازىرى ۋە بىر قىسىم يېزا - بازارلاردا ئۆلچەملىك تۇرۇبا سۈيى ئىستېمال قىلىنىۋاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
پەيزىۋات ناھىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki