UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلارئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى

شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاسىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن قاراماي شەھىرىنى ئوراپ تۇرىدۇ. شەرق تەرىپى شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، جەنۇب تەرىپى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتۇشىدۇ. شەرقىي شىمالىي موڭغۇلىيە بىلەن (چېگرا سىزىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 628 كىلومېتىر). غەربىي شىمالىي قازاقىستان، روسىيە بىلەن چېگرىىنىدۇ (چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1391 كىلومېتىر). جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 760 كىلومېتىر، شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان كەڭلىكى 630 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 267 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر. ئوبلاستقا ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر (ئىلى ۋىلايىتى، چۆچەك ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، كۈيتۈن شەھىرى) قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن شىنجاڭ غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسى، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ بەش يېزا ئىگىلىك دىۋىزىيىسى بار. ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ مەركىزى غۇلجا شەھىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 700 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليون 805 مىڭ 800 بولۇپ، قازاقلار% 24.92 ىنى، خەنزۇرلار% 47.17 ىنى، ئۇيغۇرلار 15.18% ىنى، باشقا مىللەتلەر% 12.73 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق جايلار غەربىي ۋە شەرقىي خەن دەۋرلىرىدىن جىن دەۋرىگىچە ئۇيسۇن ۋە ھونلارنىڭ يېرى ئىدى. سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە غەربىي تۈركلەرگە تەۋە بولۇپ، بەش بالىق قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. مىڭ دەۋرىدە ئۇيرات موڭغۇللىرىنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ 27 - يىلى (1762 - يىلى) ئىلى جياڭجۈنى تەسىس قىلىنغان. جياڭجۈن مەھكىمىسى كۈرەدە تۇرغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ 14 - يىلى (1888 - يىلى) ئىلى - تارباغاتاي دوتەيلىكى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 6 - يىلى (1917 - يىلى) ئىلى - تارباغاتاي دوتەيلىكى ئىلى دوتەيلىكى، تارباغاتاي دوتەيلىكى دەپ ئىككى دوتەيلىككە ئايرىلغان. مىنگونىڭ 8 - يىلى (1919 - يىلى) ئالتاي دوتەيلىكى تەسىس قىلىنغان. 1954 - يىلى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلۇپ مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ۋىلايىتى باشقۇرىدىغان ئوبلاست بولۇپ قالدى. ئوبلاسنىڭ يەر شەكلى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، تاغلىق 30.97%، ئېدىرلىق% 23.33 ، تۈزلەڭلىك%38.13، قۇملۇق% 7.57 نى ئىگىلەيدۇ. 2906 پارچە مۇزلۇق (ئومۇمىي كۆلىمى 3422 كۋادرات كىلومېتىر، زاپاس سۇ مىقدارى 116 مىليارد 600 مىليون كۇب مېتىر)، 208 دەريا - ئېقىن (بۇلاردىن ئېرتىش دەرياسى، ئىلى دەرياسى ۋە دۆربىلجىن دەرياسى تاشقى دەريا ھېسابلىنىدۇ) ۋە ئېگىز تاغدىكى تاتلىق سۇ كۆلى - قاناس كۆلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 26 تەبىئىي كۆل (ئومۇمىي كۆلىمى 5.1125 كۋادرات كىلومېتىر) بار. يەر ئۈستى سۇ مىقدارى 31 مىليارد 760 مىليون كۇب مېتىر، پايدىلىنىدىغان تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىقدارى 9 مىليارد 222 مىليون كۇب مېتىر. ئاساسلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرىدىن ئۇلار، بۆكەن، يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، سۈلەيسۈن، قارا تايغان بۇغا، قانداغاي، قۇندۇز، قۇلان، قارا لەيلەك، ئاققۇ، تۆت پۇتلۇق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى، ئىلى قارا ھەسەل ھەرىسى قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن سوغىگۈل، چۈچۈك بۇيا، ھىڭ، قار لەيلىسى، چوغلۇق، سېرىق شاپتۇل، سۈزە قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مانگان، مىس، نىكېل، ئالتۇن، كۈمۈش، قوغۇشۇن، سىنك، خروم، ھاك تېشى، فتور شىپاتى، بارىت قاتارلىقلار با. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىقلىمىدا پەرق ناھايىتى زور. كۈنەس دەرياسى بىلەن قابا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى رايونلار سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمىغا ۋە مۆتىدىل سوغۇق بەلۋاغلىق نەم كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ، ئالتاي تاغلىق رايونلىرى بىلەن تىيانشان تاغلىق رايونلىرىنىڭ ئىقلىمى تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە تەرتىپ بويىچە سوغقق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمىغا، مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمىغا، سوغۇق بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل نەم كىلىمات ۋە مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. ئىلى دەرياسى ساھىلى بىلەن چۆچەك ئويمانلىقىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقىلىمىغا كىرىدۇ؛ جۇڭغار ئويمانلىقى بىلەن تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئىقلىمى بولسا مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغان كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 0.2 - 9.1، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 42.8، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا -51.5، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى ئالتاي تاغلىق رايونلىرىنىڭ 600 مىللىمېتىردىن يۇقىرى. چۆچەك تاغلىق رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزى تۆپىلىكلىرىنىڭ 300 500 مىللىمېتىر، چۆچەك تاغلىق رايونلىرىدىكى شامالدىن دالدا تۆپىلىكلەرنىڭ 250 05 مىللىمېتىر، چۆچەك ئويمانلىقىنىڭ 500 300 مىللىمېتىر، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ 120 200 مىللىمېتىر؛ ئىلى دەرياسى ساھىلىدىكى تۈزلەڭلىكلەرنىڭ 200 300 مىللىمېتىر، ئىلى دەرياسى ساھىلىنىڭ تاغقا يېقىن جايلىرى، ئوتتۇرا تاغلىق رايونىلار ۋە ئوچۇق تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ 350 800 مىللىمېتىر، كۈنەس ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ 840 مىللىمېتىر؛ سۇنىڭ يىلىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1200 2300 مىللىمېتىر. ئوبلاستنىڭ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلىرى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق، ماي، گۆش، شېكەر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدۇر. ھازىر 676 مىڭ 100 گېكتار (10 مىليون 141 مىڭ 400 مو) تېرىلغۇ يەر، 630 مىڭ گېكتار (9 مىليون 450 مىڭ مو) تەبىئىي ئورمانلىق، بىر مىليون 640 مىڭ گېكتار (246 مىليون مو) يايلاق بار. يەنە بىر مىليون 112 مىڭ گېكتار دېھقانچىلىق قىلىشقا باپ كېلىدىغان يەر، 687 مىڭ گېكتار (8 مىليون 805 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باپ كېلىدىغان يەر بار. ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقۇناق، شال، كۆن - خۇرۇم ئىشلەش، شېكەر ئىشلەش، ئېچىتىش، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەكلىك ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار، بۇلاردىن توقۇمىچىلىق، شېكەر ئىشلەش، ئېچىتىش، كۆن - خۇرۇم ئىشلەش قاتارلىقلار ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسىپلەردۇر. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى كۈنسېرى مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەت تاشيولىنىڭ 216 -، 217 -، 218 -، 312 - لىنىيىلىرى ناھىيە، يېزا يوللىرىنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇپ قاتناش تورىنى شەكىللەندۈرگەن. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربي بۆلىكى بۇ يەردىن ئۆتىدۇ. غۇلجا، چۆچەك، ئالتاي، كۆكتوقاي قاتارلىق تۆت ئايرودرومدا قەرەللىك ھالدا ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بار. ئۈرۈمچى - ئىلى نۇر كابىلى ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، پۈتۈن ئوبلاست ۋە شەھەرلەردىكى تېلېفونلار پروگرممىلاشتۇرۇلغان بولۇپ 180 مىڭ توچكىغا يېتىدۇ، شىفىرلىك مىكرو دولقۇن، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئالاقىلىشىش، خەلقئارالىق فوتو تېلېگراف، سىمسىز چاقىرغۇ، كۆچمە تېلېفون ۋە گۇرۇپپىلاشقان رەقەملىك ئالاقىلىشىش قاتارلىق كەسىپلەر يولغا قويۇلغان. غۇلجا بىلەن چۆچەك گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان ئېچىۋېتىلگەن شەھەر بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلدى. كۈيتۈن شەھىرىمۇ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن شەھەر بولۇپ، ئاپتونوم رايونىنىڭ تەستىقلىشى ئېچىۋېتىلگەن چېگرا ئېغىزى ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سودا يولىدۇ. ئوبلاستتا ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن جەنگو دەۋرىدىكى تۇراساي قەدىمكى مىس كانى خارابىسى، ئالمىلىق قەدىمكى شەھەر خارابىسى، ئۈسۈن قەدىمىي قەبرىستانلىقى، ئوتلاقلاردىكى تاش ئادەملەر، لاما ئىبادەتخانىسى، ئالتۇن چوققا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، قەدىمكى دەۋر قىيا تاش رەسىملىرى، گېدىڭ تېغى ئابىدىسى، لىن زېشۈي خاتىرە ئۆي قاتارلىقلار بار. ئۆلۈنگۈر كۆلى (بۇرۇلتوقاي كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، قاناس كۆلى، شارتەي قەدىمىي يولى، تاڭبۇلا يايلىقى، كېپىنەك جىلغىسى، شىياۋدۇڭگۇ مەنزىرىسى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلار بار.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى | UyghurWiki | UyghurWiki