UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلارقاراماي شەھىرى

قاراماي شەھىرى

شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار قاراماي شەھىرى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان. شەرقتە ساۋەن ناھىيىسى بىلەن، شەرقىي شىمالدا قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن، غەربتە تولى ناھىيىسى بىلە، غەربىي جەنۇبتا شىخو شەھىرى بىلەن تۇتۇشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇق 240 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 23 - 46 كىومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر. قاراماي شەھىرىگە مايتاغ، قاراماي، جەرەنبۇلاق، ئۇرقۇ قاتارلىق تۆت رايون قارايدۇ، شەھەر تەۋەسىدە شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئورگىنى، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 7 - شىسى، 8 - شىنىڭ بە ش تۇەن - مەيدانى (زاۋۇتى) بار. شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 313 كىلومېتىر، 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 249 مىڭ 900 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %14.11 نى، خەنزۇرلار 79.25% نى، باشقا مىللەتلەر%6.64 ئىگىلەيدۇ. قاراماي ئۇيغۇر تىلىدا قارا - ماي دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ ئىسىم بىر تەبىئىي قاراماي تۆپىلىكى - قاراماي تېغىدىن كەلگەن. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇنىڭ 23 - يىلى (1897 - يىلى) چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بۇ يەردە نىفىت قازغان. شۈەنتوڭنىڭ 1 - يىلى (1909 - يىلى) مايتاغدا چوڭقۇرلۇقى 20 مېتىر، مەھسۇلاتنى ناھايىتى تۆۋەن تېيىز بر نېفىت قۇدۇقى قېزىلغان. 1949 - يىلىغا كەلگەندە، بۇ يەردە نېفىت چىقىدىغان قۇدۇقتىن ئاران ئىككىسى بولۇپ، كۈنىگە 2 - 3 توننا نېفىت چىقاتتى. 1954 - يىلى، يېڭى جۇڭگونىڭ نېفىت گېئولوگىيە - قىدىرىپ تەكشۈرۈش قوشۇنى قاراماي تېغى ئېتىكىگە كەلدى، كېيىنكى يىلى تۇنجى سانائەت نېفىت قۇدۇقىدىن نېفىت چىقتى. ئۇنىڭ نامى قاراماي نېفىتلىكى دەپ ئاتالدى. 1958 - يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن قاراماي شەھىرى رەسمىي تەسىس قىلىنىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بىۋاسىتە قارايدىغان بولدى. يەر تۈزۈلۈشىدە جەنۇب - شىمال ئارىلىقى ئۇزۇن. شەرق - غەرب كەڭلىكى تار بولۇپ، سوزۇنچاق شەكىلنى ھاسىل قىلغان. يېرىنىڭ كۆپ قىسمى قاقاسلىق بولۇپ، تاغلىق %5.7 نى، تۈزلەڭلىك %56.8 نى، قۇملۇق 37.5% نى ئىگىلەيدۇ. يەر ئۈستى سۈيى دەم دەرياسى سۈيىنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇ ئېقىن سۇ قاتارىغا كىرىدۇ. يىللىق ئېقىن مىقدارى 109 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنىڭ تولۇقلىنىش مىقدارى 155 مىليون كۇب مېتىر، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان سۈيىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئومۇمىي سېغىمچانلىقى 113 مىليون كۇب مېتىر بولغان ئۈچ سۇ ئامبىرى ۋە 140 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سۇ يوللاش تۇرۇبىسى (ئۆستەڭ) ياسالدى. شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى مايتاغ سانائەت رايونى ئاساسلىقى كۈيتۈن دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىشلىتىلىدۇ. نېفىت قاراماينىڭ ئاساسلىق بايلىقى، باشقا قېزىلما بايلىقلىرىدىن يەنە تەبىئىي ئاسفالت، كۆمۈر، گەج، گلائۇبىر تۇزى، تۇز، تاش پاختا، خرۇستال قاتارلىقلار بار. قاراماي شەھىرى مۆتىدىل بەلۋاغدىكى قۇرغاق كىلىمات رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 8.0، ئەڭ تۆۋەن تېمېپراتۇراىسى -35.9، يىلىغا ئوتتۇا ھېساب بىلەن 79.8 كۈن 30 تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بولىدۇ. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2734.6 سائەت، 10 لۇق جۇغلانما تېمپېراتۇرا 3968.1، قىروسىز مەزگىلى 224 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 105.3 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنشى مىقدارى 3545.2 مىللىمېتىر. بۇ شەھەر نېفىت قېزىش، پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساسىيى كەسىپ قىلغان سانائەت شەھىرى. سانائەت تۈرلىرىدىن يەنە خىمىيە سانائىتى، سۇلياۋ بۇيۇملىرى، يېمەكلىك، بىناكارلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە باشقا مېتاللوئىد قېزىلما بۇيۇملىرى، مېتال بۇيۇملىرى، قاتناش - ترانسپورت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلار بار. سانائەت مەھسۇلاتىدىن ئاساسلىقى خام نېفىت، نېفىت مەھسۇلاتلىرى ۋە نېفىت - خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى بار. مايتاغ 140 مىڭ توننىلىق ئېتلېن قۇرۇلۇشى 1995 - يىل 8 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. مەھسۇلات سۈپىتى مەملىكەت ئىچىدىكى ئوخشاش تۈردىكى قۇرۇلمىلار ئىچىدە ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتتى. قاراماينىڭ ئۇل ئۇئەسسەسەلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل تاشيولى تورى دۆلەت تاشيولى، ئۆلكە تاشيولى ۋە نېفىتلىك ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان تاش يولدىن تەركىب تاپقان، <217> دۆلەت تاشيولى، <312> دۆلەت تاشيولى بۇ شەھەردىن كېسىپ ئۆتىدۇ. 1988 - يىلى ياسالغان قۇتۇبى - قاراماي تاشيولى ئۈرۈمچى بىلەن بولغا ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى. پروگراممىلىق تېلېفون ئاپپاراتىنىڭ سىغىمچانلىقى 100 مىڭ توچكىغا يەتتى. ھەر 100 ئادەمگە تەخمىنەن 6.31 تېلېفون توغرا كېلىدۇ. يان تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ. سان - سېفىرلارنى گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ - ئالماشتۇرۇش ئالاقىسى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. ئاساسلىق مەنزىرىلىك ساياھەت رايونلىرىدىن تەبىئىي ئاسفالىت كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان <قاراماي تېغى> ۋە شامالنىڭ يىمىرىشى تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن <ئالۋاستى شەھىرى> (<شامال شەھىرى>) قاتارلىقلار بار
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار