چىرا ناھىيىسى
شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
چىرا ناھىيىسى كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى كېرىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايون بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى لوپ ناھىيىسى، خوتەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى قۇملۇق ئارقىلىق ئاقسۇ شەھىرى، شايار ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 468 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 35 121 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 33 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، يەتتە يېزا، 124 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر چارۋىچىلىقى فېرمىسى بارا. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1413 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسىى 125 مىڭ 700 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار% 98.51 نى، خەنزۇلار% 1.46 نى، باشقا مىللەتلەر % 0.03 نى تەشكىل قىلىدۇ.
خەن سۇلالىسى دەۋرىدە چىرانىڭ شىمالىي قىسمى ئۇزۇتقات دۆلىتىنىڭ يېرى، جەنۇبىي قىسمى كېرىيە دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. سۈي، تاڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە ئۇدۇن دۆلىتىگە قوشۇۋېتىلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 9 - يىلى (1883 - يىلى) كېرىيە ناھىيىسى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن چىرا كېرىيە ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر كەنت بولغان. مىنگو 8 - يىلى (1919 - يىلى) چىرا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگو 81 - يىلى (1929 - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى، خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان.
يەر تۈزلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس. جەنۇبىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان تاغ چوققىلىرى ئارىسدا تار سايلار بار. ئوتتۇرا قىسمىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى تۇز، قۇم ئېتىزلارنى ئوراپ تۇرىدۇ. شىمالىي قىسمى چەكسىز كەتكەن قۇم بارخانلىرى. تاغلىق يەرلەر% 40.5 نى، چۆل - باياۋان %56.65 نى، بوستانلىق 2.9% نى ئىگىلەيدۇ. توققۇز پەسىل خاراكتېرلىك دەيا ۋە ئالتە بۇلاق سۈيى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 624 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 378 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆرە، ياۋا توشقان، سۇغۇر، ئۇلار، چىل قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قارلەيلىسى، چاكاندا، يېكە سېرىقى، قانتېپەر، توشقان زەدىكى، تېبەت قىزىل گۈلى، ئالقات، يەر مەدىكى، قومۇش يىلتىزى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، تۆمۈر، قاشتېشى، ھاك تېشى، كۋارتس تاش، سۈرمە تاش، چىرىمتال، تاش پاختا، سىڭىرتاش، گۈڭگۈرت، تۇز قاتارلىقلار بار.
چىرا ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.9، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.9، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 23.9. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر يىلنىڭ 91.3 كۈنىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30 تىن ئاشىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2689.6 سائەت، 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4262.5. قىروسىز مەزگىلى 231 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 33.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2588.2 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى 25.2 كۈن.
چىرا ناھىيىسى يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر 18 مىڭ 400 گېكتار (276 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 8000 گېكتار ( 120 مىڭ مو) ئورمانلىق، 375 مىڭ گېكتار (5 مىليون 625 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە 142 مىڭ 300 گېكتار (2 مىليون 134 مىڭ 500 مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، پۇرچاق، ياغلىقدان، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا ئوتلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يىپەك تارتىش، پاختا چىقىرىش، گىلەمچىلىك، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.
چىرا ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتۇرۇلغان. 1000 پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلگەن.