UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلارقەشقەر شەھىرى

قەشقەر شەھىرى

شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار قەشقەر شەھىرى قەشقەر دەرياسىنىڭ دېلتىسىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قىسمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرق، شىمال، غەرب تەرىپى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. قەنۇب تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 13 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 19 كىلومېتىر، شەھەر رايونى كۆلىمى 15.5 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا 3 يېزا، 4 مەھەللە ئىش باشقارمىسى ، 57 ئاھالە كومىتېتى، 37 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ شتابى قەشقەر شەھىرىدە. شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1473 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 248 مىڭ 600 بولۇپ، ئۇيغۇرلار% 74.97 نى، خەنزۇلار % 23.93 نى، باشقا مىللەتلەر % 1.09 نى تەشكىل قىلىدۇ. قەشقەر غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە غەربىي يۇرتتىكى 36 دۆلەتنىڭ بىرى بولغان سۇلى دۆلىتى ئىدى. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ شېن جۆ 2 - يىلى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60 - يىلى) غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ جىڭگۈەن 22 - يىلى (648 - يىلى) ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ شيەنچىڭ 3 - يىلى ( 658 - يىلى) بۇ يەردە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، شۇ چاغدىكى مەشھۇر <غەربنى تىنچلاندۇرغۇچى تۆت قورۇقچىبەگ مەھكىمسى>نىڭ بىرى بولغان. سۇڭ، يۈەن دېگەن نام ئېلىشقا باشلىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى ( 1882 - يىلى) قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، دوتەي مەھكىمىسى، سۇلى بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقىغا قارىغان. مىنگو يىللىرىدا قەشقەر دوتەي مەھكىمىسى، 3 - مەمۇرىي رايون، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن دەسلەپكى مەزگىلدە قەشقەر شەھىرى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ بىر رايونى ئىدى. 1952 - يىلى كونىشەھەر ناھىيىسىدىن ئايرىپ چىقىپ قەشقەر شەھىرى قىلىپ تەسىس قىلىنغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسى، قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان. ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي. يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى پەس، تارىختىن بۇيان دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشى، تىنىشى بىلە، يەر تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپ كەتكەن. تەۋەسىدە قىزىل دەرياسى ۋە تۈمەن دەرياسى بار. ئونىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى 2 مىليارد 185 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك يەر ئاستى زاپاس سۇ مىقدارى 67 مىليون كۇب مېتىر. قەشقەر شەھىرى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.1، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 24.4. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ۋاقتى 2874 سائەت. 10 جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4250.5. قىروسىز مەزگىلى 218 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 61.5 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايللىنىش مىقدارى 2487.1 مىللىمېتىر. قەشقەر شەھىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە سانائەتنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتى توقۇمىچىلىق سانائىتى، بۇياقچىلىق، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، خىمىيە سانائىتى، خۇرۇمچىلىق، يېمەكلىك، كىيىم - كېچەك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنسازلىق ۋە رېمونتچىلىق، مەتبۇئات ۋە ئەنئەنىۋى قول ھۆنەرۋەنچىلىكى قاتارلىق 20 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق، مىللىي، ئالاھىدە سانائەت ۋە ساياھەتچىلىك بۇ شەھەردىكى تۆت چوڭ تۈۋرۈك كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئەتراپى رايونى يېزا ئىگىلىكىدە شەھەر ئاھالىسىنى <كۆك تاق> بىلەن تەمىنلەش ئاساس قىلىنىدۇ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى بىرقەدەر ياخشى. دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى شەھەر ئىچىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزا يوللىرى گىرەلىشىپ تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن. ئۈرۈمچىگە ھەركۈنى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناپ تۇرىدۇ. پروگراممىلىق تېلېفون، چاقىرغۇ، كۆچمە تېلېفون قاتارلىق خەۋەرلىشىش ۋاستىلىرى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. پۈتۈن ۋىلايەتنى قاپلىغان، پۈتۈن مەملىكەت ۋە دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا تۇتاشقان زامانىۋى خەۋەرلىشىش تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. بۇ بىر قەدىمىي شەھەر Ⅺ ئەسىردىن بۇيان ناخشا - ئۇسۇل ماكانى دېگەن نامى بار. كىلاسىك مۇزىكا <12 مۇقام> ئۇيغۇر مۇزىكىسىدىكى قىممەتلىك بايلىق، يەنە ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغان <قەشقەر سەنىمى>، <دولان ئۇسسۇلى>، <ساما>، <مەشرەپ> قاتارلىقلار ھازىرغىچە كەڭ تارقىلىپ كەلمەكتە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ھېيتكار جامەسى، ئاپئاق خوجامازىرى (ئىپارخان مازىرى)، بەنچاۋ قەلئەسى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى قاتارلىقلار بار. 1986 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى قەشقەر شەھىرى دۆلەت دەرىجىلىك مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى قىلىپ بېكىتىلدى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
قەشقەر شەھىرى | UyghurWiki | UyghurWiki