UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلارئاقتۇ ناھىيىسى

ئاقتۇ ناھىيىسى

شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار ئاقتۇ ناھىيىسى پامېر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرق قىسمى يىڭسار ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب قىسمى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب، غەربىي جەنۇب تەرىپى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قىرغىزىستان، تاجىكىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 344 كىلومېتىر). شىمال تەرىپى ئۇلۇغچات ناھىيىسى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى ۋە قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 283 كىلومتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 216 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 23 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيەقارمىقىدا ئىككى بازار، 11 يېزا، 121 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىرمىڭ 512 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 152 مىڭ 100 . بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار 25.04% نى، ئۇيغۇرلار % 69.74 نى، خەنزۇلار % 2.00 نى، باشقا مىللەتلەر 3.22% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاقتۇ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى دۆلىتىنىڭ يېرى بولۇپ، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر، ئۇچتۇرپان مەسلىھەتچى مەھكىمىسى ھەمكارلىشىپ باشقۇرغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 10 - يىلى (1884 - يىل) شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ دائىرىسىدە بولغان. 1955 - يىلى ناھىيە قىلىنىپ تەسىس قىلىنىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارىغان. 1978 - يىلى قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان. 1980 - يىلى قايتىدىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئايرىپ بېرىلگەن. يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي جەنۇب تەرىپى ئېگىز، شەرقىي شىمال تەرىپى پەس بولۇپ، تاغ يېرى % 83.3 نى، تۈزلەڭلىك % 16.7 نى ئىگىلەيدۇ. داڭلىق تاغ چوققىلىرىدىن دېڭىز يۈزىدىن 7719 مېتىر ئېگىز بولغان قوڭۇر چوققىسى (كونىلار مۇز تاغ مەلىكىسى دەپ ئاتىغان). دېڭىز يۈزىدىن 7975 مېتىر ئېگىز بولغان قوڭۇر تۆپە چوققىسى ۋە دېڭىز يۈزىدىن 7546 مېتىر ئېگىز بولغان مۇز تاغ چوققىسى (كونىلار مۇز تاغ ئاتىسى دەپ ئاتىغان) بار. ئاساسلىق دەرياسىدىن پاسراۋات دەرياسى، چارلۇڭ دەرياسى ۋە ئېگىز يار دەرياسى، كۈسەن دەرياسى، گەز دەرياسى قاتارلىقلار بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى ئىككى مىليارد 484 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 280 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، سۇغۇر، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن سېرىق كەندىر، ئىلانسىمان قامچا ئوت، قانتېپەر، زاراڭزا قاتارلىقلار بار. بايقالغان بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، سىنىك، كوبالت، ئالتۇن، كۈمۈش، كرىستال، ياقۇت، ئىسلاندىيە تېشى، سليۇدا، تۇز قاتارلىقلار بار. ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ تۈزلەڭلىك رايونى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.3. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2859.4 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 221 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 60.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2427.5 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى بولۇپ، ھازىر بار تېرىلغۇ يېرى 18 مىڭ 900 گېكتار ( 283 مىڭ 500 مو)، ئوتلاق 712 مىڭ 900 گېكتار (10 مىليون 693 مىڭ 500 مو). دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، ياغلىق دان قاتارلىقلار بار. جەنۇب تەرىپىدىكى تاغلىق رايوندىكى جىلغىلارنىڭ يايلاقلىرى كەڭ بولۇپ، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى. مال - چارۋىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كۆمۈرچىلىك، رەڭلىك مېتال قېزىش، سېمونت ئىشلەش، دېھقانچىلىق ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ناھىيە بازىرىدىن يېزا - بازار، مەيدانلارغىچە تۇتىشىدىغان غول تاشيوللار بار. كەنت پوچتا - تېلېگراف مۇلازىمەت پونكىتىدىن 15ى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. پروگراممىلىق تېلېفوندىن 1000 ى ئېچىۋېتىلدى. بۇ ناھىيە قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇقەررەر ئۆتىدىغان يول ئىدى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن گەز ئۆتىڭى، مۇزتاغ چوققىسى، قوڭۇر چوققىسى، قوڭۇر تۆپە چوققىسى، قاراكۆل، بۇلۇڭكۆل، ئويتاغ ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
ئاقتۇ ناھىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki