ئاۋات ناھىيىسى
شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
ئاۋات ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق ۋە شىمال تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن، غەرب تەرىپى كەلپىن ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى لوپ، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 150 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 13 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، يەتتە يېزا، 118 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 - شىسىنىڭ ئۈچ تۇەن - مەيدانى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق قارا دۆڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېقھانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيەبازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئارىلىقى 1071 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 176 مىڭ 009 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار % 81.57 نى، خەنزۇلار % 17.64 نى، باشقا مىللەتلەر % 0.79 نى تەشكىل قىلىدۇ.
ئاۋات خەن سۇلالىسى دەۋرىدە قۇم ۋە ئونسۇ دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇم ئايمىقىغا تەۋە بولۇپ، ئەنشى قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئونسۇ مەھكىمىسىگە تەۋە بولۇپ، ئاقسۇ خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 2 - يىلى ( 1913 - يىلى) ئاقسۇ ناھىيىسىگە قوشۇۋېتىلگەن. مىنگونىڭ 11 - يىلى ( 1922 - يىلى) ئاۋات ئامبال ياردەمچىسى قويۇلغان. مىنگونىڭ 19 - يىلى (1930 - يىلى) دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ناھىيە قىلىنغان ھەمدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 4 - مەمۇرىي رايون ۋە ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قارىغان.
يەر تۈزۈلۈشى تۈز بولۇپ، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قىيپاش. بوستانلىق% 18.2 نى، چۆل - قۇملۇق % 81.8 نى ئىگىلەيدۇ.
ئاقسۇ دەرياسى ۋە كونا دەريادىن ئىبارەت چېگرا ھالقىيدىغان ئىككى دەرياسى بار. يىللىق ئېقىن مىقدارى بىر مىليارد 387 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 783 مىليون كۇب مېتىر (ئېچىشقا بولىدىغان زاپاس مىقدارى 470 مىليون كۇب مېتىر). ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆكەن (ئاھۇ)، ياۋا بۇغا، تۈلكە، ياۋا چوشقا قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، قومۇش، يۇلغۇن، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەردىكى قاتارلىقلار بار.
ئاۋات ناھىيىسىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق كىلىماتقا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 10.5، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 39.4، ئەڭ تۆۋە تېمپېراتۇرىسى 23.3-، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 75.1 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمېپراتۇرا 30 تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2596.6 سائەت. 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3975.8، قىروسىز مەزگىلى 214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 1.45 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1887.4 مىللىمېتىر.
بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 36 مىڭ 900 گېكتار (553 مىڭ 500 مو)، ئورمان كۆلىمى 27 مىڭ 900 گېكتار (418 مىڭ 500 مو)، ئوتلاق كۆلىمى 176 مىڭ 900 گېكتار (2 مىليون 653 مىڭ 500 مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 80 مىڭ گېكتار (1 مىليون 200 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېقھانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، پۇرچاق، ياغلىق دان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. قەغەز ياڭاق بىلەن ئۆرۈك ئاۋات ناھىيىسىنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، پاختا ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتىنى سىستېمىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.
ئاۋات ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى ئاسفالىتلاشتۇرۇلغان. 3000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقىلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى.
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئەختەم مازىرى ۋە ئاۋات مەسچىتى قاتارلىقلار بار.