UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلارغۇلجا ناھىيىسى

غۇلجا ناھىيىسى

شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار غۇلجا ناھىيىسى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى نىلقا ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى غۇلجا شەھىرى ۋە قورغاس ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى ۋە توققۇزتارا ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، شىمال تەرىپى جىڭ ناھىيىسى ۋە بورتالا شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 116 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 95 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 4587 كۋادرات كىلومېتىر، ناھىيىگە ئىككى بازار، 18 يېزا، 159 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 715 كىلومېتىر، 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 355 مىڭ 700 بولۇپ، ئۇيغۇرلار 48.78% نى، خەنزۇلار% 19.35نى، قازاقلار %10.71 نى، باشقا مىللەتلەر% 21.16 نى تەشكىل قىلىدۇ. غۇلجا ناھىيىسى غەربىي ۋە شەرقىي خەن دەۋرىدە جىن دەۋرىگىچە ئۇيسۇن دۆلىتىگە، سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە غەربىي تۈركلەرگە تەۋە بولغان، يۈەتن دەۋرىدە چاغاتايخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ سيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسى چىيەنلۇڭنىڭ 27 - يىلى (1762 - يىلى) نىڭيۈەن قەلئەسى سېلىنغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ 14 - يىلى (1888 - يىلى) نىڭيۈەن ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان ۋە ئىلى مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 3 - يىلى (1914 - يىلى) ناھىيىنىڭ نامى غۇلجىغا ئۆزگەرتىلگە. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىلى ۋىلايىتىگە قارىغان. يەر شەكلى شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، شىمالدىن غەربكە قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. تاغلىق چايلار% 64.15 نى، ئېدىرلىق% 11.9 نى، تۈزلەڭلىك% 23.95 نى ئىگىلەيدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە قاش دەرياسى، بوربوسۇن دەرياسى، جىرغىلاڭ دەرياسى ۋە پىلىچى دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بولۇپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 470 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 1 مىليارد 142 مىليون كۇب مېتىر. تاغ ئۆچكىسى، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆرە، قىزىل تۈلكە، ياۋا چوشقا، سۇغۇر قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە ئۇششاق يوپۇرماقلىق ئاق موم، ھىڭ، سۇغىگۈل، قىرىق بوغۇم، چۈچۈك بۇيا، قانتېپەر قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ھاك تېشى، كۋارتس، چىرىمتال، بارىت، گاۋلىڭ توپىسى، پار - پۇر قاچا ۋە ساپال بۇيۇملارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان توپ قاتارلىقلار بار. غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل قۇرغاق كىلمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 8.4، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37.9، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 40.4-. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2802.4 سائەت، 10 يىغىندا تېمپېراتۇرا 3310.6، قىروسىز مەزگىلى 154 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 257.5 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1613.6 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىك بىلەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 67 مىڭ 600 گېكتار (1 مىليون 13 مىڭ 900 مو) تېرىلغۇ يەر، 31 مىڭ 600 گېكتار (474 مىڭ مو) ئورمانلىق، 322 مىڭ 300 گېكتار (4 مىليون 834 مىڭ مو) يايلاق بار. بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، زىغىر، قىچا، كۆك تاماكا، قىزىلچا، ئۇزۇن تالالىق زىغىر، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار. ئاساسلىقى كالا، قوي قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. ھاراق ئېچىتىش، يېمەكلىك، يېنىك سانائەت، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، قان ئېچىش، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار. غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەت يولىنىڭ 218 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزىلارنىڭ يوللىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. 4000 توچكا پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلگەن. سىمسىز چاقىرغۇمۇ ئىشلىتىلمەكتە. ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن كۈنەس قەلئەسى، توغلۇق تۆمۈر مازىرى بار. ئاقئۆزەن ئورمانلىقى باغچىسى، ئۇششاق يوپۇرماقلىق ئاق موم قوغداش رايونى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلار بار.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار