UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلارقەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى

قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى

شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى يەيزىۋات ناھىيىسى، غەرب تەرىپى ئۇلۇغچات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى، ئاقتۇ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.، شىمالىي تەرىپى ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 113 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 91 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 4140.7 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر بازار، 17 يېزا، 235 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1490 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 366 مىڭ 400 بولۇپ، ئۇيغۇرلار % 97.9 نى، خەنزۇلار % 1.83 نى، باشقا مىللەتلەر % 0.27 نى تەشكىل قىلىدۇ. قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى دۆلىتىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى ( 1883 - يىلى) قەشقەر كونىشەھەردە قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى قىلىنىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسى سۇلى بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقىغا قارىغان. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىلى ( 1912 - يىلى) قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە قارىغان. مىنگو 16 يىلى (1927 - يىلى) قەشقەر مەمۇرىي رايونىغا قارىغان. مىنگو 32 - يىلى (1943 - يىلى) شىنجاڭ 3 - مەمۇرىي رايونىغا قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە، جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي رايونىغا، قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان. يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي - شىمالدىن شەرقىي ەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ ماڭىدۇ. جەنۇب، شىمال ۋە غەرب تەرەپلىرىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. شەرق تەرىپى قىزىل دەرياسى بىلەن گەز دەرياسىنىڭ يەلپۈگۈچسىمان تىنمىسىدىن شەكىللەنگەن تىنما تۈزلەڭلىك، ئومۇمىي كۆلىمىدە تاغلىق يەر % 54.4 نى، چۆللۈك % 5.7 نى، تۈزلەڭلىك % 39.9 نى ئىگىلەيدۇ. دەريا ئېقىنلىرىدىن قىزىل دەرياسى، گەز دەرياسى، چاقماق دەرياسى ۋە تۈمەن دەرياسى قاتارلىقلار بار. يىللىق ئوتتۇرىچە سۇ ئېقىش مىقدارى 859 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەر ئاستى زاپاس سۇ مىقدارى 884 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋنات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆرە، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقى بىرقەدەر مول. 31 خىل دەرەخ ئائىلىسى بويىچە 108 خىل دەل - دەرەخ بار. بۇنىڭ ئىچىدە دورا ماتېرىيالى ھېسابلىنىدىغىنى 100 خىلدىن ئاشىدۇ. بايقالغان قېزىلما بايلىقدىن ئالتۇن، تۇز، گەز، ھاك قاتارلىقلار بار. قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 121 10، يۇقىرى تېمپراتۇرىسى 39.6، تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 25.2. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2870.6 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 212 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 72.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2537.8 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 42 مىڭ 500 گېكتار (637 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 56 مىڭ 900 گېكتار ( 853 مىڭ 500 مو) ئوتلاق، 33 مىڭ گېكتار (495 مىڭ مو) ئورمان، 13 مىڭ 600 گېكتار (204 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 10 مىڭ گېكتار ( 150 مىڭ مو) ئورمانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، كېۋەز، ياغلىقدان، ماش - پۇرچاق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋچىلىقتا كالا، قوي بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، پاختا چىقىرىش ۋە مېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 314 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزا تاشيولى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن. 1200 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن مەھمۇد قەشقەرى مازىرى، خانئۆي قەدىمىي قەلئەسى، مور بۇددا مۇنارى، ئاقتال خارابىسى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki