چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى توققۇزتارا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى تېكەس، موڭغۇلكۈرە ناھىيىلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيىسى ۋە قورغاس ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىندۇ (چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 72 كىلومېتىر). شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 90 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 70 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 8.4645 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار، 11 يېزا، 57 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيىدە تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ ئۈچ تۇەن - مەيدانى، ئىلى ۋىلايەتلىك نەسىللىك كالا فېرمىسى، تۈزلەڭلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ۋە غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىغا قاراشلىق تاغلىق رايون ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 711 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 156 مىڭ 100 بولۇپ، شىبەلەر 13.14% نى، قازاقلار% 20.17 نى، خەنزۇلار% 35.88 نى، باشقا مىللەتلەر% 30.81 نى تەشكىل قىلىدۇ.
چاپچال ناھىيىسى خەن دەۋرىدە ساك، ئويسۇن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كۆچۈپ يۈرۈپ مال باقىدىنغا يېرى بولۇپ، غەربىي رايون قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. تاڭ دەۋرىدە بېشبالىق قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىگە تەۋە بولغان. يۈەن دەۋرىدە چاغاتاي خاننىڭ سيۇرغالىق يېرى بولغان. چىڭ دەۋرىدە ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. مىنگونىڭ 27 - يىلى (1938 - يىلى) شىبەلەر ئولتۇراقلاشقان رايوندا خېنەن باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 29 - يىلى (1940 - يىلى) ناھىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن، مىنگونىڭ 33 - يىلى (1944 - يىلى) نامى نىڭشىغا ئۆزگەرتىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، 2 - مەمۇرىي رايون ۋە ئىلى ۋىلايىتىگە قارىغان. 1954 - يىلى نىڭشى ناھىيىسى ئاساسىدا چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئىلى ۋىلايىتىگە قاراپ كەلدى.
بۇ ناھىيىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شەرقىي جەنۇبىي ئېگىز، غەربىي شىمالىي پەس بولۇپ، تاغلىق جايلار% 26 ىنى، تۈزلەڭلىك% 54.2 نى ئىگىلەيدۇ. ئىلى دەرياسى، چاپچال دەرياسى، ئۆرتەك دەرياسى، چاجى دەرياسى، خونۇخاي دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بار بولۇپ، يەر ئاستى سۇ بايلىقى 414 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 520 مىليون كۇب مېتىر. قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا چوشقا، ئۇلار، سۇغۇر قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى، سوغىگۈل، ئەڭلىك ئوت، چۈچۈك بۇيا، كەترا، گاترودىيە، قار لەيلىسى، قانتېپەر، كىرەش قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن ئالتۇن، كۆمۈر، ئۇران، نېفىت، خرۇستال، ھېقىق، چىرىمتال، كۋارتس، پار - پۇر بۇيۇملارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان توپا، ئوتقا چىداملىق توپا قاتارلىقلار بار.
چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.9، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 39.5، ئەڭ تېمپېراتۇرا - 43.2. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2810.7 سائەت. 10 يىغىندا تېمپېراتۇرا 3389.1، قىروسىز مەزگىلى 161 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 205.8 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1614.8 مىللىمېتىر.
چاپچال ناھىيىسى يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 30 مىڭ 900 گېكتار (463 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 32 مىڭ 300 گېكتار (485 مىڭ مو) ئورمالىق، 275 مىڭ گېكتار (4 مىليون 130 مىڭ مو) يايلاق بار. يەنە 240 مىڭ گېكتار (3 مىليون 600 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان يەر، 24 مىڭ گېكتار (360 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان يەر بار. بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، مايلىقدان، پاختا، تاماكا، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار. كالا، قوي، ئات، چوشقا قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. كۆمۈركان، سېمونت، فۇرفۇرول، دورا ياساش، ئاشلىق - ماي، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق سانائەت تۈرلىدى بار.
چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزۈلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ئۆلكە يولىنىڭ 144 - لىنىيىسى ناھىيىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە يېزىلارىدىكى يوللارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 205 كىلومېتىر كېلىدۇ 11 مىڭ توچكا پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلگەن. ناھىيىگە جايلاشقان دۆلەت ئېغىز قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىگە بارىدىغان تاشيول ئېغىزدۇر.
مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن چىڭيۈەن ئىبادەتخانىسى، كۈمۈش چوققا ئىبادەتخانىسى، ئۇيسۇن قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار بار.