UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلارقاراقاش ناھىيىسى

قاراقاش ناھىيىسى

شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار قاراقاش ناھىيىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە، شەرقىي تەرىپى خوتەن ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى گۇما ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى ئاۋات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 319.5 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 45 5.112 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 23 مىڭ 100 كۋادىرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، 15 يېزا، 362 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارسىنىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1535 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 360 مىڭ 600 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار % 98.67 نى، خەنزۇلار % 1.3 نى، باشقا مىللەتلەر% 0.03 نى تەشكىل قىلىدۇ. قاراقاش خەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى. مىنگو 8 - يىلى ( 1919 - يىلى) خوتەن ناھىيىسىدىن ئايرىپ چىقىپ ناھىيە تەسىس قىلىنىپ نامى قاراقاش دەپ ئاتالغان ھەم قەشقەر دوتەي مەھكىمسىگە قارىغان. 2 - يىلى خوتەن دوتەي مەھكىمىسىگە قارايدىغان بولغان. كېيىن خوتەن 7 - مەمۇرىي رايونىغا قارىغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبتىن شىمالغا پەسىيىپ بارىدۇ. جەنۇبىي تاغلىق رايون، ئوتتۇرا قىسمى يەلپۈگسىمان تىنما تۈزلەڭلىك. شىمالىي قۇملۇق، تاغلىق رايون % 8.6 نى، تۈزلەڭلىك % 4.7 نى، قۇملۇق % 86.7 نى ئىگىلەيدۇ. قاراقاش دەرياسى خوتەن ناھىيىسى بىلەن ئورتاق پايدىلىنىدىغان دەريادۇر. يەر ئۈستى بايلىقى 21 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 372 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋ چوشقا، ياۋا توشقان، تازقارا قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توغراق، يولغۇن قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئالتۇن، قاشتېشى، ئالماس قاتارلىقلار بار. قاراقاش ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 12.5-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2829.9 سائەت. 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9. قىروسىز مەزگىلى 217 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 41.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1736.1 مىللىېمتىر. قاراقاش ناھىيىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 33 مىڭ 500 گېكتار (503 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 84 مىڭ 300 گېكتار (بىر مىليون 265 مىڭ مو) ئورمانلىق، 2700 گېكتار (40 مىڭ 500 مو) يايلاق بار. يەنە 10 مىڭ 900 گېكتار ( 163 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 79 مىڭ 500 گېكتار (بىر مىليون 193 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، شال، كۆممىقوناق، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. قەغەز ياڭاق ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىق دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. پىلچىلىكمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، پاختا چىقىرىش، يىپەك تارتىش، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدىرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە - يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەممىسىگە قاراماي ياتقۇزۇلغان. پروگراممىلىق تېلېفون تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن شاھلىق بەگلىك قورۇقى بىلەن مازار تاغ قەدىمىي قەلئەسى بار.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار