قورغاس ناھىيىسى
شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
قورغاس ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى غۇلجا شەھىرى ۋە غۇلجا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي بورتالا شەھىرى ۋە ئارشاڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى قازاقىستان بىلەن چىگرىلىنىدۇ (چىگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 128 كىلومېتىر). جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 120 كىلومېتىر، شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان كەڭلىكى 85 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 5559.3 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە ئۈچ بازار، يەتتە يېزا، 73 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ ئالتە تۇەن - مەيدانى ۋە تۇەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانىلار بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 653 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 322 مىڭ 200 بولۇپ، ئۇيغۇرلار% 20.9 نى، خەنزۇلار% 45.27 نى، قازاقلار% 8.28 نى، باشقا مىللەتلەر% 25.55 نى تەشكىل قىلىدۇ.
قورغاس ناھىيىسى خەن دەۋرىدە ئۇيسۇن دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى. تاڭ دەۋرلىرىدە غەربىي تۈركلەرگە تەۋە بولغان. يۈەن دەۋرىدە چاغاتاي خاننىڭ سيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ 27 - يىلى (1762 - يىلى) ناھىيە بولۇپ قۇرۇلۇپ سۈيدۈڭ دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇنىڭ 14 - يىلى (1888 - يىلى) سۈيدۈڭ ناھىيىسى ۋە قورغاس شۆبە مۇداپىئە نازارىتى تەسىس قىلىنىپ، ئىلى مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 3 - يىلى (1914 - يىلى) قورغاس ناھىيىسى سۈيدۈڭ ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئىلى دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 36 - يىلى (1947 - يىلى) نامى قورغاس ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاۋۋال ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىگە، ئاندىن ئىلى ۋىلايىتىگە قارىغان.
ناھىيىنىڭ يېرى شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. تاغلىق جايلار% 41.7 نى، ئېدىرلىق% 25.2 نى، تۈزلەڭلىك% 23.8 نى، سايلىق% 0.4 نى، قۇملۇق% 8.9 نى ئىگىلەيدۇ. 23 چوڭ - كىچىك دەريا - ئېقىن بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى 10 مىليارد 21 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 8 مىليارد 23 مىليون كۇب مېتىر. تۆت پۇتلۇق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ھالقا بويۇن قىرغاۋۇل، ئاققۇ، ياۋا چوشقا، تۈلكە، ئېيىق، قاپلان، قۇندۇز قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە قومۇش، ياۋا كەندىر، چۈچۈك بۇيا، سۇغىگۈل، قىزىل چوغلۇق قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىرىدىن كۆمۈر، ھال تېشى، سىڭىر تاش، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، فوسفور، مەرمەر تاش، گىرانت تاش قاتارلىقلار بار.
قورغاس ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 9.1، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇراىسى 40.2، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 36.6-، قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2869.5 سائەت، 10 يىغىندا تېمپېراتۇرا 3534.0، قىروسىز مەزگىلى 168 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 218.9 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1410.1 مىللىمېتىر.
قورغاس ناھىيىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 53 مىڭ 100 گېكتار (375 مىڭ 500 مو) ئورمانلىق، 258 مىڭ 800 گېكتار (3 مىليون 882 مىڭ 500 مو) يايلاق بار بولۇپ، بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، پاختا، كەندىر، قوي قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. كۆمۈركان، سېمونت، ھاراق ئېچىتىش، تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار.
قورغاس ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت يولىنىڭ 312 - ۋە 218 - لىنىيىلىرى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلاردىكى يوللار تەرەپ - تەرەپكە تارالغان. 5000 توچكا پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلگەن. ناھىيىگە جايلاشقان قورغاس ئېغىزى غەربىي - شىمال رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ئېغىزى بولۇپ، شىنجاڭدىن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە بارىدىغان مۇھىم سودا يولىدۇر.
ناھىيىدە ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن خۇييۈەنجۇڭ دۇمباق مۇنارى، ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى قاتارلىقلار بار.