UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلارئاقسۇ شەھىرى

ئاقسۇ شەھىرى

شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار ئاقسۇ شەھىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى توقۇس، شايار ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى ئاۋات ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئۈچتۇرپان، كەلپىن ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى ئۇنسۇ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 213 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 199 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 18 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. شەھەرگە بىر بازار، 6 يېزا، تۆت مەھەللە ئىش باشقارمىسى، 19 ئاھالە كومىتېتى، 128 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. شەھەر تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 - شىسى شتابى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق 16 تۇەن - مەيدانى بار. شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 800 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 444 مىڭ 200 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار % 42.89 نى، خەنزۇلار% 55.64 نى، باشقا مىللەتلەر% 1.47 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاقسۇ شەھىرى چىن، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە قۇم دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. غەربىي خەن سۇلالىس دەۋرىدە غەربىي يۇرت قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. ۋېي، جىن سۇلالىسى، جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە كۇسەنگە تەۋە بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇم ئايمىقى تەسىس قىلىنىپ ۋە ئەنشى باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى (1882 - يىلى) ئونسۇ بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقى قىلىپ تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈنىڭ 28 - يىلى (1902 - يىلى) دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۇنسۇ مەھكىمىسى قىلىنىغان. مىنگونىڭ 2 - يىلى (1913 - يىلى) ئۆزگەرتىپ ناھىيە قىلىنىپ، ئاقسۇ دەپ ئاتالغان ھەمدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ دوتەيب مەھكىمىسى، 4 - مەمۇرىي رايون ۋە ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسى، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قارىغان. 1983 - يىلى ناھىيە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر قىلىنغان. ھازىر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي. يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي شمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قىيپاش. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى% 43.4 نى، تۈزلەڭلىك % 49 نى، قۇملۇق% 7.6 نى ئىگىلەيدۇ. ئاقسۇ دەرياسى، تارىم دەرياسى، دولان دەرياسى قاتارلىق دەريالىرى بار. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 7 مىليارد 859 مىليون كۇب مېتىر. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى بىر مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد 20 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن 51 ئائىلىدىكى 232 ئۇرۇقداشقا تەۋە 497 تۈر بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن فوسفور، ھاك تاش، دولومىت جىنىس، بازالىت، سىڭىرتاش، كۋارتس قۇم، فار - فۇر توپا، سىماب، بارىت، كۆمۈر قاتارلىقلار بار. ئاقسۇ شەھىرى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 9.8، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.7، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 27.6-،يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 58.8 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30 تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 2873.3 سائەت، 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3803.4، قىروسىز مەزگىلى 193 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 62.0 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1890.1 مىللىمېتىر. ئاقسۇ شەھىرى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 38 مىڭ 400 گېكتار (576 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى 46 مىڭ 700 گېكتار (700 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى 862 مىڭ 700 گېكتار (4 مىليون 300 مىڭ مو)، يەنە ئۆزلەشتۈرۈشكە بولىدىغان 1 مىليون 25 مىڭ گېكتار (15 مىليون 375 مىڭ مو) قاقاس يېرى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قىزىلچا، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە كېۋەزنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە <100 كىلوگرام> لىق ناھىيە، شەھەر قاتارىغا كىردى. چارۋىسىدىن كالا، قوي، چوشقا قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن قۇۇرلۇش ماتېرىياللىرى، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، سۇلياۋ، خىمىيە سانائىتى، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. ھازىر ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى ئاقسۇ شەھىرىدىن ئۆتىدۇ. ئاسفالت يول ۋىلايەتنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىگە ۋە شەھىرىگە قاراشلىق يېزىلارغا تۇتاشتۇرۇلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان بار. 12 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى. كۆچمە ئالاقە، گورۇپپا بويىچە سانلىق مەلۇماتلارنى ئالماشتۇرۇپ ئالاقىلىشىش قاتارلىق خەۋەرلىشىش ۋاسىتلىرى بىردەك ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ۋەتەنپەرۋەر شائىر ل. مۇتەللىپ مەقبەسى، قالماق قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن تارىم دەرياسىدىكى شەپەق، خونخې دەرياسى قەدىمكى كېچىكى، قەدىمىي ئىبادەتخانىدىكى تاڭ ساداسى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
ئاقسۇ شەھىرى | UyghurWiki | UyghurWiki