مارالبېشى ناھىيىسى
شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
مارالبېشى ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاۋات ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى پەيزۋات ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى كەلپىن ناھىيىسى، ئاقچى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 215 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 169 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 21 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا 4 بازار، 8 يېزا، 217 - كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپىچقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ 9 تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بولغان ئارىلىقى 1241 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 326 مىڭ 400 بولۇپ، ئۇيغۇرلار %83.75 نى، خەنزۇلار 15.77% نى، باشقا مىللەتلەر% 0.48 نى تەشكىل قىلىدۇ.
مارالبېشى غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سافارباي دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. ئۈچ پادىشاھلىق شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەن دۆلىتىگە قارىغان. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى دۆلىتىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى سافارباي ئايمىقىغا قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) قەشقەر خان ئامىبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 9 - يىلى (1883 - يىلى) بۇ يەردە مارالبېشى بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. گۇاڭشۈ 29 - يىلى ( 1903 - يىلى) بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت ئايماققا ئۆزگەرتىلىپ، يەكەن مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. ئايماقنىڭ ئورنى بارچۇق شەھىرىگە يۆتكەپ كېلىنىپ، بارچۇق قىسقارتىلىپ باچۇ (مارالبېشى) دېيىلگەن. مىنگو 2 - يىلى ( 1913 - يىلى) مارالبېشى ئايمىقى مارالبېشى ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە، قەشقەر مەمۇرىي رايونىغا قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە، قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان.
يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي قىسمى ئېگىز، شەرقىي قىسمى پەس، غەربىي شىمال قىسمى تاغلىق، تاغلىق يەر % 10.7 نى، بوستانلىق % 38.8 نى، قۇملۇق 50.5% نى ئىگىلەيدۇ. زەرەپشان دەرياسى بىردىنبىر چوڭ دەريا بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى 820 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 1 مىليارد 150 مىليون كۇب مېتىر؛ يەنە 3 سۇ ئامبىرى بولۇ، ئۇنىڭ سۇ ساقلاش مىقدارى 127 مىڭ كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن بۇغا، ساي تۈلكىسى، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەدىكى، چاكاندا قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، فوسفور، ئالماس، ھاكا تېشى، تۇز قاتارلىقلار بار.
مارالبېشى ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7، ئەڭ يۇقىرى تېمپېرراتۇرىسى 42.7، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 214.2-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2884.2 سائەت. 10 جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4363.7، قىروسىز مەزگىلى 227 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 44.7 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2108.6 مىللىمېتىر.
بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىك ناھىيىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر 40 مىڭ 900 گېكتار ( 613 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 38 مىڭ 900 گېكتار (583 مىڭ 500 مو) ئوتلاق، 173 مىڭ گېكتار ( 2 مىليون 595 مىڭ مو) ئورمان، 330 مىڭ گېكتار ( 4 مىليون 950 مىڭ مو) ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدىغان بۇيەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ پاختا بۇ ناھىيىنىڭ تۈۋرۈك مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. 1994 - يىلى مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى 100 كۈچلۈك ناھىيە ئىچىدە 19 - ئورۇندا تۇردى. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئات، ئېشكە ئاساس قىلىنىدۇ.
مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيول 314 - لىنىيىسى ۋە ئۆلكە تاشيولى 215 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش بىرلەشمە تورىغا كىرگۈزۈلدى.
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن توققۇز سەلەي خارابىسى، (خەنزۇچە تاڭ دەۋرىدىكى پادىشاھ قەلئەسى دېيىلىدۇ)، تاڭ دەۋرىدىكى تازىمغانا خارابىسى - چوڭ تام، تاڭ دەۋرىدىكى تۇرا خارابىسى قاتارلىقلار بار.