تۇرپان شەھىرى
شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
تۇرپان شەھىرى تەڭرى تېغىنىڭ بۆلىكى، بۇغدا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى پىچان ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى توخسۇن ناھىيىسى، جەنۇبىي تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى، شىمالىي تەرىپى جىمىسار ناھىيىسى، گۇچۇڭ ناھىيىسى ۋە ئۈرۈمچى ۋە ئۈرۈمچى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 244 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 70 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا 2 بازار، 7 يېزا، 11 ئاھالە كومىتېتى، 95 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇل. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە بىۋاسىتە قاراشلىق 1 تۇەن - مەيدانى بار. شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 180 كىلومېتىر. ئۇنىڭ 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 236 مىڭ 500، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار% 71.29 نى، خەنزۇلار % 20.91 نى، باشقا مىللەتلەر % 7.80 نى تەشكىل قىلىدۇ.
تۇرپان قەدىمكى زاماندا <قوش> دەپ ئاتالغان، قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ شىمالىي لىنىيىسىدىكى مۇھىم شەھەر. غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ جاي ئالدىنقى قاڭقىل قەبىلىسىنىڭ يېرى بولۇپ، يارغۇلنى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ جاي ئالدىنقى قاڭقىل قەبىلىسىنىڭ يېرى بولۇپ، يارغۇلنى مەركەز قىلغان. خەن سۇلالىسىنىڭ يۈەندى 1 - يىلى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 48 - يىلى) ۋۇجى مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ خېدى يوڭيۈەن 3 - يىلى (مىلادى 91 - يىلى) ۋۇجى مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي يارغۇل شەھىرىدىن ئىدىقۇت شەھىرگە كۆچۈرۈلگەن. جىن سۇلالىسى دەۋرىدە قۇچۇ ۋىلايىتى تەسىس قىلىنغان. شىمالىي ۋېې سۇلالىسى دەۋرىدە قۇچو دۆلىتى دەپ ئاتالغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئاستانە ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇچو ئۇيغۇر پادىشاھلىقى بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە قاراقۇچۇ ئايغاقچى مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، بېشبالىق ۋاقىتلىق دىۋان ۋازارىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 12 - يىلى (1886 - يىلى) تۇرپان بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنىپ، دىخۇا مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 2 - يىلى (1913 - يىلى) تۇرپان ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دىخۇا دوتەيلىكى، قارا شەھەر دوتەي مەھكىمىسى، دىخۇا ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن بىر مەھەل بىۋاسىتە ئاپتونوم رايونغا قارىغان، كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1975 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتىگە ئايرىپ بېرىلگەن. 1984 - يىلى ناھىيە ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ شەھەر قىلىپ تەسىس قىلىنغان. ھازىر بۇ شەھەر تۇرپان ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي.
يەر تۈزۈلۈشى شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، شىمال قىسمى تاغلىق، ئوتتۇرا قىسمى بوستانلىق، جەنۇبىي قىسمى چۆللۈك، يالقۇن تاغ ئوتتۇرا قىسمنى كېسىپ ئۆتكەن. ئايدىڭكۆل مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ پەس ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقى (دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر پەس) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. داخىيەن دەرياسى ۋە قارا يۈزى دەرياسى قاتارلىق دەرياسى بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 281 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 364 مىليون كۇب مېتىر. داڭلىق كارىز ئارقىلىق يەر ئاستى سۈيىنى باشلاپ چىقىش قۇرۇلۇشى سانائەت، يېزا ئگىلىك ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك سۇنى ئىشەنچىلىك كاپالەتكە ئىگە قىلغان. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، زاراڭزا، سۇغۇرگۈل، ئالىقات، قارلەيلىسى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، تۆمۈر، مىس، نېكىل، ئالتۇن، كۆمۈر، تۇز، گىلائۇبېر تۇزى، كۋارتس قۇم، ناترىيىلىق سېلىترا، دولومىت جىنىس، كالىي، بور قاتارلىقلار بار. تۇرپان شەھىرى ئىسسىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپراتۇرىسى 13.9، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 47.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 28.0-، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 145.2 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30 تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 3049.5 سائەت، 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 5391.3، قىروسىز مەزگىلى 266 كۈن. ئوتتۇرىچە يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 16.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدرى 2837.8 مىللىمېتىر.
بۇ شەھەرنىڭ دېھقانچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان. ھازىر 16 مىڭ گېكتار (240 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 7300 گېكتار (109 مىڭ مو) ئورمان، 231 مىڭ 200 گېكتار (3 مىليون 468 مىڭ مو) ئوتلاق بار، يەنە 10 مىڭ گېكتار (150 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 7300 گېكتار (110 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ ئۈزۈم جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق، چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. ھەسەلچىلىكمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە.
تۇرپان شەھىرىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەلىرى بىر قەدەر ياخشى. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى مۇشۇ جايدا تۇتىشىدۇ. دۆلەت تاشيولىنىڭ 312 - لىنىيىسى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزا تاشيوللىرى گىرەلىشىپ تۇتۇشۇپ كەتكەن. پروگراممىلىق تېلېفون، كۆچمە تېلېفون ئالاقىسى، گۇرۇپپا بويىچە سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش ئالاقىسى يولغا قويۇلدى.
بۇ شەھەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى، يارغۇل قەدىمكى شەھىرى، بېزەكلىك مىڭ ئۆيى، سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى (يەنى ئىمىن مۇنارى)، ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنرىرىلىك جايلارىدىن يالقۇن تاغ، بويلۇق ۋە كارىز قاتارلىقلار بار.