UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلارمىچۇەن شەھىرى

مىچۇەن شەھىرى

شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار مىچۇەن شەھىرى تەڭرى تاغنىڭ شىمالى ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقتە فۇكاڭ شەھىرىگە، غەربتە سانجى شەھىرىگە، جەنۇبتا ئۈرۈمچى ناھىيىسىگە، شىمالدا بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەبۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 140 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 32 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 326.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. تەۋەسىدە 5 بازار، 1 يېزا، 73 كەتن ئاھالە كومىتېتى بار. يەنە ئاپتونوم رايون، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە سانجى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 18 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 165 مىڭ 100، بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇلار% 32.90 نى، ئۇيغۇرلار 2.72% نى، خەنزۇلار% 61.76 نى، باشقا مىللەتلەر% 2.62 نى ئىگىلەيدۇ. مىچۇەن تارىختا گۇمۇدى دەپ ئاتالغان. غەربىي خەن سۇلالىسىدىن ئىلگىرى بۇ يەردە ساكلار، توخرىلار، ھونلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق ئۇرۇمتاي ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. گۇاڭشۈنىڭ 10 - يىلى (1884) ئۈرۈمچى ناھىيىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 17 - يىلى (1928) جيەندې ناھىيىسى قۇرۇلغان. 1953 - يىلى مىچۇەن ناھىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلىپ، ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان. 1955 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1966 - يىلى ناھىيە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر قۇرۇلغان. يەر شەكلى، شەرقىي جەنۇبىي ئېگىز، غەربىي شىمال پەس، شەرقىي جەنۇبىي قىسىمى ئېدىرلىق، ئوتتۇرا قىسمى تىنما تۈزلەڭلىك، شىمالىي قىسمى گۇربانتوڭگۈن چۆلى. تاغلىق% 16.4 نى، تۈزلەڭلىك% 24.6 نى، قۇملۇق% 59 نى ئىگىلەيدۇ. شۈيموگو دەرياسى، تېچاڭگو دەرياسى، لاۋلوڭخې دەرياسى قاتارلىق دەرياللىرى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 47 كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكىتىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 127 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقلىرىدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، ئۇلار، تاغ كەكلىكى قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن سوغىگۈل، قان تېپەر، ھىڭ، مەرزەنجۇش، قار لەيلىسى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، يانىدىغان سىلانېتىس، فار - فۇر توپىسى، ھاك، كۋارتس تاش، شور قاتارلىقلار بار. مىچۇەن شەھىرى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.0، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 42.0، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرسى 32.9-، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 71.5 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30 يۇقىرى بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن چۈشۈش ۋاتى 2806.6 سائەت. 10 لۇق يىغىندى تېمپېراتۇرا 3547.5، فىروسىز مەزگىلى 182 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 215.0 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2207.1 مىللىمېتىر. بۇ شەھەر يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 13 مىڭ 400 گېكتار (210 مىڭ مو)، ئورمان 10 مىڭ گېكتار (150 مىڭ مو)، يايلاق 57 مىڭ 300 گېكتار (859 مىڭ 500 مو). يەنە دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدىغان 660 مىڭ گېكتار (99 مىڭ مو) بوز يەر، ئورمان قىلغىلى بولىدىغان 80 مىڭ گېكتار (12 مىڭ مو) بوز يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن شال، بۇغداي، كۆممىقۇناق، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىلاردىن كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. شەھەر ئىچىدىكى تىرىك چارۋا سودا بازىرى ئاپتونوم رايون بويىچە كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان چارۋا مەھسۇلاتلىر توپلىنىدىغان - تارقىلىدىغان جاي. كۆمۈر، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، نېفىت - خىمىيە سانائىتى بۇ شەھەرنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندى، بىر تۈركۈم جۇڭگو - چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا مىچۇەنگە ماكانلاشتى. مىچۇەن شەھىرىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى بىر قەدەر ياخشى ياسىلىۋاتقان تۇرپان - ئۈرۈمچى - داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك تاغيولى بىلەن 216 - دۆلەت يولى بۇ شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. %63 كەنتكە ئاسفالت يول ياسالدى. شەھەر رايونى بىلەن ئۈرۈمچى ئايرودرومىنىڭ ئارىلىقى 18 كىلومېتىر كېلىدۇ. 22 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى. سىمسىز چاقىرىش ۋە خەلقئارا فوتوتېلېگراف ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن مايتاغ قىيا تاغ رەسىمىرى، دابوچىڭ قەدىمىي شەھەر خارابىسى، گۇمۇدى غەربىي مەسچىتى، شەرقىي مەسچىتى، جىغۇي شەھىرى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
مىچۇەن شەھىرى | UyghurWiki | UyghurWiki