UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلارنىلقا ناھىيىسى

نىلقا ناھىيىسى

شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار نىلقا ناھىيىسى ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى ۋە ساۋەن ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى غۇلجا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى كۈنەس، توققۇزتارا ناھىيىلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى شىخو شەھىرى، جىڭ ناھىيىسى ۋە كۈيتۈن شەھىرى بىلەن تۇتۇشىدۇ. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 243 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 70 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 11 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، 10 يېزا، 93 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ ئۈچ تۇەن - مەيدانى. شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ نىلقا ھەربىي ئات مەيدانى، غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ نىلقا ئورمانچىلىق مەيدانى، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ كۈنەس قوي فېرمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 585 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 138 مىڭ 500 بولۇپ،% 44.76 نى، خەنزۇلار% 27.84 نى، ئۇيغۇرلار% 11.58 نى، باشقا مىللەتلەر% 15.82 نى تەشكىل قىلىدۇ. نىلقا ناھىيىسى خەن دەۋرىدە ئۇيسۇنلارنىڭ يېرى ئىدى. چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ 35 - يىلى (1770 - يىلى) چىنۇق قەلئەسى قۇرۇلغان. مىنگونىڭ 28 - يىلى (1939 - يىلى) غۇلجا ناھىيىسىدىن ئاجرىتىلىپ نىلقا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. 2 - يىلى ناھىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، نىلقا ناھىيىسى دەپ ئاتالغان. ھازىر ئىلى ۋىلايىتىگە قارايدۇ. ناھىيىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شەرقىي ئېگىز، غەربىي پەس بولۇپ، تاغلىق جايلار% 55 نى، ئېدىرلىق% 30 نى، دەريا ۋادىسى% 15 نى ئىگىلەيدۇ. قاش دەرياسى شەرقتىن غەربكە قاراپ ناھىيىدىن ئېقىپ ئۆتكەن بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى 4 مىليارد 40 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 313 مىليون كۇب مېتىر. يىلپىز، قارا تايغان بۇغا، سۇغۇر، ئۇلار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە جىگدە، سوغىگۈل، چاكاندا، قارلەيلىسى، بوۋانە، قانتېپەر قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، مىس، ئاليومىن، ئالتۇن، سىڭىرتاش، خرۇستال تاش قاتارلىقلار بار. نىلقا ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 5.7، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37.9، ئەڭ تۆۋەن تېمپېرتۇرا - 39.9. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2795.8 سائەت، 10 يىغىندا تېمپېراتۇرا 2369.2، قىروسىز مەزگىلى 102 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 353.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1471.8 مىللىمېتىر. ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 20 مىڭ 400 گېكتار (306 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 58 مىڭ 300 گېكتار (874 مىڭ 500 مو) ئورمانلىق. 657 مىڭ 900 گېكتار (9 مىليون 868 مىڭ 500 مو) يايلاق بار. يەنە 72 مىڭ 700 گېكتار (بىر مىليون 90 مىڭ مو) تېرىقچىلىق قىلىشقا بولىدىغان يەر بار. ئاساسلىق قازاق ئېتى، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى، تۆگە قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ، ھەسەل ھەرىسى بېقىشمۇ بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە. بۇغداي، كۆممىقوناق، قوناق، مەيلىقدان، ياڭيۇ قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر، سېمونت، گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار. نىلقا ناھىيىسىنىڭ ئاساسلىق مۇئەسسەسەلىرى ئۈزۈلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى غەربتىن شەرققە قاراپ ناھىيىنى كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ناھىيە، يېزىلارنىڭ يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تارالغان. 3000 توچكا پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلگەن. ناھىيىدە ئۇيسۇن قەدىمىي قەبرىستانلىقى، نۇرساي قەدىمكى مىس كان خارابىسى، جىرنىتاي قىياتاش رەسىملىرى، باسېلگىن قەدىمكى جەڭ مەيدانى، مايتاغ - كۇچا تاشيولى قۇربانلار خاتىرە مۇنارى قاتارلىق مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە جىرىنتاي جىلغىسى، سۇيۇتاي جىلغىسى، بەرگىن ئاشىڭى، تاڭبۇلا بايلىقى قاتارلىق گۈزەل مەنزىرىلىك جايلار بار.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
نىلقا ناھىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki