UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلارئاقچى ناھىيىسى

ئاقچى ناھىيىسى

شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار ئاقچى ناھىيىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالى قىسمىغا، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى توشقان دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى، كەلپىن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى، ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال، غەرب تەرىپى قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 276 كىلومېتىر). ئومۇمىي يەر مەيدانى 12 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيە قارمىقىدا بىر بازار، 5 يېزا، 23 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1184 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 32 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار % 88.96 نى، ئۇيغۇرلار % 4.55 نى، خەنزۇلار 6.28% نى، باشقا مىللەتلەر % 0.21 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاقچى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ساپار باي دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. ساپارباي غەربىي يۇرتتىكى 36 دۆلەتنىڭ بىرى. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ساپار باي ئايمىقى تەسىس قىلىنىپ، كۈسەن تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جۇڭغار قەبىلىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) ئاقچى بىلەن ئۇچتۇرپان بىردەك ئۇچتۇرپان بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى دەپ ئاتالغان. مىنگونىڭ 2 - يىلى (1913 - يىلى) نامى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئاقسۇ دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 29 - يىلى ( 1940 - يىلى) ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىن ئاجرىتىلىپ ئاقچى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 33 - يىلى (1944 - يىلى) دەرىجىسى ناھىيىگە ئۆستۈرۈلۈپ ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1954 - يىلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. بۇ ناھىيىنىڭ جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، <ئىككى تاغ بىر جىلغىنى قورشاپ تۇرىدۇ>. پۈتۈن يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى تۆۋەن بولۇپ، غەربتىن شەرققە قىيپاش. شىمالىي تەرىپىدە كوكسال تېغى بولۇپ، ئەڭ ئېگىز چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 5 مىڭ 958 مېتىر ئېگىز. جەنۇب تەرىپىدە قارا تېكەن تېغى بولۇپ، ئەڭ ئېگىز چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 4 مىڭ 679 مېتىر ئېگىز. ئوتتۇرىسىدا توشقان دەرياسى جىلغىسى بار. توشقان دەرياسى غەربتىن شەرققە ئېقىپ پۈتۈن ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 2 مىليارد 680 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار، چىل قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقى بىرقەدەر مول بولۇپ، ئىككى تاغ، بىر جىلغىغا تارالغان ئۆسۈملۈك 200 خىلدىن كۆپرەك. بۇنىڭ ئىچىدە ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، ياۋا ئارپىبەدىيان، قىل يوپۇرماق، ئەمەن قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن سېرپېنتىن، گەز، مەرمەر تاش، ئىسلاندىيە تېشى، تۆمۈر، مانگان قاتارلىقلار بار. ئاقچى ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.2. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 36.4، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 27.2-، كۈننىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2988.6 سائەت. 10 جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 2434.8، قىروسىز مەزگىلى 171 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 184.6 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2501.4 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە تاغلىق رايون چارۋىچىلىق ناھىيىسى بولۇپ، ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4 مىڭ 300 گېكتار ( 64 مىڭ 500 مو)، ئورمان كۆلىمى 760 مىڭ گېكتار ( 11 مىليون 400 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى 884 مىڭ 700 گېكتار ( 12 مىليون 670 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان 8 مىڭ 700 گېكتار (130 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. مال - چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، قوتاز، تۆگە، ئېشەك قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، ئارپا، يالىڭاچ، ئارپا، دادۇر (باقىلە)، زىغىر، قىچا قاتارلىقلار بار. ئاقچى ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ئۆلكە يولىدىن بىرى، چېگرا مۇداپىئەسى مەخسۇس يولىدىن ئىككىسى بار. پروگراممىلىق تېلېفون نۇر كابىللىق تېلېگراف يوللىرى ئىشلىتلىشكە كىرىشتۈرۈلدى. بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى ۋە داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدىن كىرگىن قەدىمىي قەلئەسى، ئۇچتۇرپان قەدىمىي شەھەر خارابىسى، بالىگېندى قەدىمىي پوتىيى، ئىبراھىم قەدىمىي قەلئەسى، بەدەل بولال تۇراسى، قارلىق مۇز چوققا، جىلو سۇ ئارشىڭى، توشقان دەرياسى جىلغىسى مەنزىرىسى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار