توقسۇ ناھىيىسى
شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
توقسۇ ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى كۇچا ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى، ئونسۇ ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى شايار ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى باي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 136 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 91 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 5559.3 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، ئالتە يېزا، 111 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 788 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 125 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 95.52% نى، خەنزۇلار % 4.24 نى، باشقا مىللەتلەر % 0.24 نى تەشكىل قىلىدۇ.
توقسۇ خەن سۇلالىسىنىڭ دەۋرىدە كۇسەن دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەن تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئاقسۇ دوتەيلىكى كۇچا بىۋاسىتە قاراشلىق ئەمىنىيە نازارىتىگە ۋە كۇچا ئايمىقىغا قارىغان. مىنگونىڭ 11 ـ يىلى (1922 - يىلى) كۇچا ناھىيىسىدىن توقسۇ قاتارلىق 12 كەنتنى ئايرىپ چىقىپ، توقسۇ ئامبال ياردەمچىسى قويۇلغان. مىنگونىڭ 19 - يىلى ( 1930 - يىلى) دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ناھىيە قىلىپ تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 30 - يىلى (1941 - يىلى) خەنزۇچە نامى <薪和> دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 4 - مەمۇرىي رايونغا ۋە ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قارىغان.
يەر تۈزۈلۈشى: شىمالى ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، ئۈگەن دەرياسى تىنما تۈزلەڭلىكى ۋە غەربى جەنۇبىي قىسىم كەلكۈن تىنمىسى تۈزلەڭلىكى دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى % 13.0 نى، بوستانلىق 21.3% نى، قۇملۇق % 65.4 نى، سۇ كۆلىمى % 0.3 نى ئىگىلەيدۇ. بىردىنبىر دەرياسى ئۈگەن دەرياسى چېگرا ھالقىغان دەريا بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى ئىككى مىليارد 220 مىليون كۇب مېتىر. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى بەش مىليون كبۇ مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 530 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن قارا لەيلەك، ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆرە، تۈلكە، ياۋا چوشقا قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، پاقا يوپۇرماق ئۇرۇقى، مامكاپ قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلاردىن نېفىت، تەبىئىي گاز، تۇز قاتارلىقلار بار.
توقسۇ ناھىيىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 10.5، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.1، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 29.9. يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 74.1 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30 تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2880.1 سائەت، 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3995.0. قىروسىز مەزگىلى 218 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 53.8 مىللىمېتىر. سۇنىڭ ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2027.6 مىللىمېتىر.
بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 32 مىڭ 300 گېكتار ( 484 مىڭ 500 مو)، ئورمان كۆلىمى 40 مىڭ گېكتار (600 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى 113 مىڭ 300 گېكتار (بىر مىليون 700 مىڭ مو). يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 26 مىڭ 700 گېكتار (400 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، كۆممىقوناق، شال، پۇرچاق، ياغلىق دان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. مۇناقى ئۈزۈم، نەشپۈت، قەغەز ياڭاق، ئارپىبەدىيان قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار بار. مۇناقى ئۈزۈم، نەشپۈت، قەغەز ياڭاق، ئارپىبەدىيان قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بار. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ماشىنسازلىق، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك ۋە قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.
توقسۇ ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى ناھىيە بازىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرىنىڭ ھەممىسى ئاسفالىتلاشتۇرۇلغان. 3000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقىلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى.
ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن توغراق ئېقىن مىڭئۆيى، توڭگۇز باش قەدىمىي شەھىرى، ئۇچقات قەدىمىي شەھىرى، تاڭ دەۋرىدىكى جېجۆگۇەن قوۋۇقى خارابىسى قاتارلىقلار بار.