توخسۇن ناھىيىسى
شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
توخسۇن ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى تۇرپان شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى، خۇشۇت ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى ئۈرۈمچى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 204 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 146 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا 3 بازار، 4 يېزا، 45 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرى مەملىكەت بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى نۆل بولغان بىردىبىر ناھىيە بازىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 162 كىلومېتىر كېلىدۇ. ناھىيىنىڭ 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 103 مىڭ 300، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار % 76.53 نى، خەنزۇلار % 16.50 نى، باشقا مىللەتلەر % 6.97 نى تەشكىل قىلىدۇ.
توخسۇن قەدىمىدە جيۇتەي دەپ ئاتالغان. ؟خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئالدىنقى قانقىل قەبىلىسىنىڭ يېرى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تەڭرى تېغى ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، ئاستانە ئايمىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 12 - يىلى (1886 - يىلى) تۇرپان نازارىتىنىڭ غەربىي يېزىسى قىلىنغان. مىنگونىڭ 9 - يىلى (1920 - يىلى) توخسۇن ئامبال ياردەمچىسى قويۇلۇپ، تۇرپان ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 19 - يىلى (1930 - يىلى) باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلۇپ،قارا شەھەر دوتەي مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 25 - يىلى (1936 - يىلى) ناھىيە قىلىپ تەسىس قىلىنغان. كېيىن تەۋەلىكى ئۆزگىرىپ دىخۇا ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايون ئاۋالە قىلغان تۇرپان مەركىزىي ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1975 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان.
يەر تۈزۈلۈشى غەربىي ئېگىز، شەرقىي پەس بولۇپ، تاغ يېرى % 20.8 نى، تۈزلەڭلىك % 4.1 نى، چۆللۈك % 75.1 نى ئىگىلەيدۇ. ئالغۇ بىلەن بەيياڭخې دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇ سىستېمىسىدا 6 دەريا بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 65 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 268 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋانات بايلىقدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، غۇلجا، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئاققۇ، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، مىس، قوغۇشۇن، كۆمۈر، بېنتونىت، تاشپاختا، مەمەر تاش، دولومىت جىنىس، گرانىت، ھاك تاش، چىرىمتال، سىڭىرتاش، گىرافىت، گىلوئۇبېر تۇزى قاتارلىقلار بار.
توخسۇن ناھىيىسى ئىسسىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 13.8، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 48.0، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 25.5، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 142.4 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30 دىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3053.9 سائەت، 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 5299.4، قىروسىز مەزگىلى 297 كۈن بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 6.9 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 3723.5 مىللىمېتىر كېلىدۇ.
بۇ ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى بىر قەدەر ياخشى. ھازىر 12 مىڭ 300 گېكتار (185 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 8300 گېكتار (124 مىڭ 500 مو) ئورمان، 245 مىڭ 500 گېكتار (3 مىليون 682 مىڭ 500 مو) ئوتلاق بار، يەنە 15 مىڭ 100 گېكتار ( 226 مىڭ 500 مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 26 مىڭ گېكتار (290 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز، ماش، خاسىڭ قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا قوي، كالا، ئاتنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، تاشپاختا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، پاختا توقۇمچىلىقى، ھاراق ئىشلەش، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.
توخسۇن ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋە دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە - يېزا تاشيوللىرى گىرەلىشىپ تۇتىشىپ كەتكەن. 4000 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلغان.
بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان تاش تۇز، پارچە ساقالدىكىسى يېڭى تاش قورال خارابىلىقى، پەنجىر تاغدىكى تاش سىزمىلىرى، ئالغۇي ئېغىزى تىك غارىدىكى ياغاچ قاپلىما گۈكسەيلىك مازىرى، گۇستۇن جىلغىسىدىكى قەدىم تىبەت يېزىقى تاش ئويمىلىرى، ئاسار شەھىرى خارابىسى قاتارلىقلار بار.