كۆكتوقاي ناھىيىسى
شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
كۆكتوقاي ناھىيىسى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى چىڭگىل ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى جىمىسار ناھىيىسى، چىتەي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالىي تەرىپى مۇڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى 212 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 188 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 413 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 32 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر. كۆكتوقاي ناھىيىسىگە 2 بازار، 6 يېزا، 73 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 480 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى نوپۇسى 80 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار %67.45 نى، خەنزۇلار% 31.31 نى، باشقا مىللەتلەر% 1.24 نى تەشكىل قىلىدۇ.
كۆكتوقاي ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھونلارنىڭ زېمىنى بولغان. سۈي ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي تۈركلەرگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل خانلىرىنىڭ سۈيۈرغاللىق يېرى بولغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا قوبدۇ مەسلىھەتچى ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 32 - يىلى (1906 - يىلى) مەركەزنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 26 - يىلى (1937 - يىلى)بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كۆكتوقاي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىدارىسىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 30 - يىلى (1941 - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنغان. كېيىن نامى ئۆزگەرتىلىپ كۆكتوقاي دېيىلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.
يەر تۈزۈلۈشى تۆت پەلەمپەيسىمان ھالەتتە بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا قىيپاش كەتكەن تاغلىق، ئويمانلىق، دەريا ۋادىسى چۆللۈك،قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايون %24.3 نى، تۈزلەڭلىك% 34.4 نى، قۇملۇق% 12.5 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئېرىتىش دەرياسى، ئۇلۇڭگۈر دەرياسى ناھىيە تەۋەسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 2 مىليارد 590 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 436 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانلاردىن يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، ياۋا ئېشەك، ئاق بۇرغۇن بۆكەن، قارقار قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن قار لەيلىسى، چۈچۈكبۇيا، قانتېپەر، ئاۋېپىي، قۇرۇتئوت، پىيازگۈل قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلىرىدىن بېرىللىي، لىتىي، تانتال، نىئوبىي، مىس، نىكېل، تۆمۈر، ئالتۇن، كۆمۈر، چىرىمتال، كۆك ياقۇت، مەرۋايىت تېشى، مەرمەر تاش قاتارلىقلار بار.
كۆكتوقاي ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 1.8، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 38.7، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 51.5. يىلىدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 89.6 كۈن - 20 سوغۇق بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2864.5 سائەت. 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2619.8. قىروسىز مەزگىلى 110 كۈن. ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 158.6 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1692.5 مىللىمېتىر.
بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 13 مىڭ 6000 گېكتار (204 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر. 131 مىڭ 100 گېكتار (1 مىليون 965 مىڭ 800 مو) ئورمانلىق. 4 مىليون 817 مىڭ 800 گېكتار (72 مىليون 266 مىڭ 500 مو) ئوتلاق بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىلاردىن قوي، كالا، ئات، تۆگە قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، پۇرچاق، مايلىقدان قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن سېمونت، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، خۇرمچىلىق، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.
كۆكتوقاي ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 216 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ، ئۆپتىكىلىق خەۋەرلىشىش، پروگراممىلىق تېلېفون قاتارلىق ئىلغار خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى.
بۇ ناھىيىنىڭ داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرى بىر قەدەر كۆپ، جەنۇبتىكى قارا مەھەللە تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئاساس گەۋدە قىلىنىدۇ. ئۇ يەردە ئەرتىۋارلىق قۇش، ھايۋانات ۋە قەدىمكى گۈيخۇا دەرىخى بار. بۇ جاي رەڭگارەڭ تۈس ئالغان . دالالىرىدا سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلار بار؛ شىمال تەرىپىدە ئالتاي تېغى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانى ئاساس گەۋدە قىلىنىپ، مۇز چوققىلىرى، قارلىق تاغلار، ئېگىز تاغلار، كۆللەر، تەبىئىي ئورمانلىقلار، ئارشاڭ تېغى ئارشىڭى، قىياتاش رەسىملىرى، تاش ئويمىلىرى قاتارلىق ئىننوگرافىك ۋە تەبىئىي مەنزىرىلەر ئۆزئارا بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ.