UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلارقەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى

قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى

شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە، قەشقەر دەرياسىدىن ھاسىل بولغان تىنما تۈزلەڭلىككە جايلاشقان. شەرق تەرىپى پەيزىۋات ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى يېڭىسار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب، شىمال تەرىپى ئاقتۇ ناھىيىسى، كونىشەھەر ناھىيىسى، قەشقەر شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 106 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 69 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 2270.7 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا 3 بازار، 12 يېزا، 223 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئارىلىقى 1940 كىومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 258 مىڭ 300 بولۇپ، ئۇيغۇرلار 93.03% نى، خەنزۇلار % 6.71 نى، باشقا مىللەتلەر % 0.26 نى تەشكىل قىلىدۇ. قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى ئەسلى قەدىمىي سۇلى دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى. غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرت قوۇرقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ گاۋزوڭ 2 - يىلى ( 675 - يىلى) بۇ يەردە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، <غەربنى تىنچلاندۇرغۇچى تۆت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى> نىڭ بىرى قىلىنغان. سۇڭ، يۈەن سۇلىرىدىن كېيىن، سۇلى دېگەن نامنىڭ ئورنىنى تۈركچە قەشقەر دېگەن نام ئېلىشقا باشلىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 9 - يىلى (1883 - يىلى) سۇلى بىۋاسىتە قاراشلىق ئايماق تەسىس قىلىنىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. گۇاڭشۈ 28 - يىلى ( 1902 - يىلى) ئايماقنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ قەشقەر يېڭى شەھەر مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگو 2 - يىلى ( 1913 - يىلى) قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو 16 - يىلى (1927 - يىلى) قەشقەر مەمۇرىي رايونىغا قارايدىغان بولغان. مىنگو 32 - يىلى (1943 - يىلى) شىنجاڭ 3 - مەمۇرىي رايونىغا، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسى، جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي رايونى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان. يەر تۈزۈلۈشى: غەربتىن شەرققە پەسىيىپ بارىدۇ. تۈزلەڭلىك % 74.7 نى، قۇملۇق % 25.3 نى ئىگىلەيدۇ. قىزىل دەرياللار، گەز دەرياسى، كۇسەن دەرياسى قاتارلىق دەرياسى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 541 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 859 مىليون كۇب مېتىر. قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4، كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2822 سائەت. قىروسز مەزگىلى 215 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 65 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2605 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىدە يېزا ئىگىلىك ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 35 مىڭ 100 گېكتار (527 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 14 مىڭ 400 گېكتار ( 216 مىڭ مو) ئورمان، 37 مىڭ 800 گېكتار (567 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، ئاپتاپپەرەس، زېغىر قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئات، ئېشەك بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 315 - لىنيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ ناھىيىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئودام مازار، رابىيە - سەئىدى مازىرى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى | UyghurWiki | UyghurWiki