UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلاركۈيتۈن شەھىرى

كۈيتۈن شەھىرى

شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار كۈيتۈن شەھىرى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقىي ساۋەن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي مايتاغ سانائەت رايونى بىلەن، غەربىي تەرىپى شىخو شەھىرى بىلەن، شىمالىي قاراماي شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 46 كىلومېتىر، شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان كەڭلىكى 33 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 540 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بەش مەھەللە ئىش باشقارمىسى بار. تۇرۇلشۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك يەتتىنچى دىۋىزىيىسىنىڭ دىۋىزىيە شتابى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئورۇنلار بار. ئۇنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 253 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 93 مىڭ 800 بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر %5ىنى، خەنزۇلار %95 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. كۈيتۈن خەن دەۋرىدە ئۇيسۇنلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق يېرى بولۇپ، غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ 20 - يىلى (1755 - يىلى) چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى جۇڭغار قەبىلىسىنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتقاندىن كېيىن، كۈيتۈندە ھەربىي پونكىت، گازارما تەسىس قىلىنغان. كېيىن ئۆتەڭگە ئۆزگەرتىلگەن. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇنىڭ 12 - يىلى (1886 - يىلى) كول قاراسۇ بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنىپ، كۈيتۈن شىخو خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 1 - يىلى (1912 - يىلى) كۈيتۈن ئۆتىڭى ئەمەلدىن قالدۇرلغان. مىنگونىڭ 2 - يىلى (1913 - يىلى) كول قاراسۇ بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى شىخو ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، كۈيتۈن شىخو ناھىيىسىگە قارىغان ۋە كۈيتۈن شىخۇ ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر يېزا بولغان. 1957 - يىلى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ يېزا ئىگىلىك 7 - شىسى كۈيتۈنغا كېلىپ ئورۇنلاشقاندىن ئېتىبارەن، كۈيتۈن يېزا ئىگىلىك 7 - شىسى كۈيتۈنغا كېلىپ ئورۇنلاشقاندىن ئېتىبارەن، كۈيتۈن يېزا ئىگىلىك 7 - شىسى تۇرۇشلۇق ئورۇن بولغان. 1958 - يىلى قاراماي شەھىرىگە قارىغان. 1975 - يىلى كۈيتۈن شەھىرى قۇرۇلۇپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بولغان. كۈيتۈن شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمى تىيانشان تاغ تىزمىسىغا، شىمالىي قىسمى جۇڭغار ئويمانلىقىغا تۇتىشىدۇ. يېرى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. جەنۇبىي قىسمى تىيانشان تاغ باغرى بولۇپ، كۆپ قىسىم جايلىرى شېغىللىق؛ شىمالى قىسمى كەڭرى كەتكەن سازلىق، قۇمۇشلۇق كۆل ۋە بۇلاق جىلغىسى. ئۇنى كېسىپ ئۆتىدىغان پەقەت بىرلا كۈيتۈن دەرياسى بار، يىللىق ئېقىن مىقدارى 639 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلاردىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 309 مىليون كۇب مېتىر، ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن ئالماس، ئالتۇن، سىڭىر تاش قاتارلىقلار بار. كۈيتۈن شەھىرىنىڭ ئىقلىمى شىمالى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.4، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 36.4-، قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2800 سائەت ئەتراپىدا، قىروسىز مەزگىلى تەخمىنەن 180 كۈن ئەتراپىدا، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 182 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 8.1747 مىللىمېتىر. كۈيتۈن شەھىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەت شەھىرى بولۇپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيە، توقۇمىچىلىق، ماشىنسازلىق، تاماكا، يېمەكلىك، مەتبەئە، ئېچىتىش قاتارلىق تۈرلەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زامانىۋىي سانائەت دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن. كۆك تاماكا ياساش ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى بىر قەدەر ياخشى. ھازىر 5500 گېكتار (83 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 1100 گېكتار (17 مىڭ مو) تەبىئىي ئورمالىق، 2700 گېكتار (40 مىڭ مو) سۈنئىي ئورمانلىق، 6700 گېكتار (100 مىڭ مو) يايلاقم 1400 گېكتار (21 مىڭ مو) كۆل بار. يەنە 20 مىڭ گېكتار (300 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا كېلىدىغان يەر بار. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقۇناق، شال، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر، پاختا، قىچا، كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. شەھەر ئەتراپى چارۋىچىلىقىدا قوي، كالا، چوشقا، ئات قاتارلىق چارۋىلار ئاساس قىلىنىدۇ. كۈيتۈن شەھىرى شىمالىي شىنجاڭنىڭ قاتناش ھەم پوچتا ئالاقە تۈگۈنى بولۇپ، ئاساسىي مۇ؛ئەسسەسەلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلىكى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. كۈيتۈن پويىز ئىستانسى ئاسىيادىكى 2 - چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى بولغان ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى 1 - رايونىدا بولۇپ، 19 يول ۋە 9 مەخسۇس لىنىيە تەسىس قىلىنغان. 312 - ۋە 217 - دۆلەت تاشيولى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. كۈيتۈن شەھەرلىك پوچتا - تېلېگراف ئىدارىسى ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق ئىدارە بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئىلغار خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرىگە ئىگە. كۈيتۈن سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن شەھەر. 1992 - يىلى 2 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قۇرۇلدى. پىلاندىكى كۆلىمى 108 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ھازىر بەرپا قىلىنغان كۆلەم 45 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
كۈيتۈن شەھىرى | UyghurWiki | UyghurWiki