مەكىت ناھىيىسى
شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار
مەكىت ناھىيىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي قىسمىغا، زەرەپشان دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى گۇما ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 160 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 136 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 9996.3 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر بازار، 9 يېزا، 130 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ ئۈچ تۇەن - مەيدانى، ئىككى ھەربىي قىسىم دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە بىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1384 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 182 مىڭ 400 بولۇپ، ئۇيغۇرلار%79.65 نى، خەنزۇلار % 20.50 نى، باشقا مىللەتلەر % 0.3 نى تەشكىل قىلىدۇ.
مەكىت خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سافارباي دۆلتىنىڭ يېرى بولغان. مىنگونىڭ 11 - يىلى (1922 - يىلى) مارالبېشى ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ناھىيە تەسىس قىلىنىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو 31 - يىلى (1942 - يىلى)دىن كېيىن، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ يەكەن 10 - مەمۇرىي رايونغا، يەكەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەكەن ۋالىي مەھكىمىسىگە، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە، قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان.
بۇ ناھىيە زەرەپشان دەرياسى ۋە تىزناپ دەرياسىنىڭ تىندۇرمىسىدىن ھاسىل بولغان يەلپۈگۈچسىمان بوستان تۈزلەڭلىك، يەر تۈزۈلۈشى تۈز. بوستانلىق 19.7% نى، قۇملۇق % 80.3 نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدىن زەرەپشان دەرياسى ۋە تىزناپ دەرياسى كېسىپ ئۆتىدۇ. يىللىق ئېقىن مىقدارى 800 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەر ئاستى زاپاس سۇ مىقدارى 649 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن تارىم بۇغىسى، ئاق بوغۇز بۆكەن، قىرغاۋۇل قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن نېفىت، تۇز، گەژ، ھېقىق قاتارلىقلار بار.
مەكىت ناھىيىسى مۆتىدىلك بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 42.1، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 22.4-، قۇياشنىڭ يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2805.9 سائەت. 10 جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4285.2. قىروسىز مەزگىلى 215 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 39.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2349.3 مىللىمېتىر.
بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 33 مىڭ 600 گېكتار (504 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 24 مىڭ 700 گېكتار (370 مىڭ مو) تەبىئىي ئورمان، 150 مىڭ گېكتار ( 2 مىليون 250 مىڭ مو) ئوتلاق، 38 مىڭ گېكتار (570 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە كۆكتات قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئۈستۈنلۈكى روشەن. 1986 - يىلى بۇ ناھىيە مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ بېكىتىلدى. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مەكىت دولان قويى داڭلىق. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كۆمۈر، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش - ياساش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.
مەكىت ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولى 215 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ؛ ناھىيە - يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش بىرلەشمە تورىغا كىرگۈزۈلگەن.
بۇ ناھىيىنىڭ خەلق سەنئىتى تارىخىي ئۇزاق، ئۇ كىلاسىك مۇزىكا - دولان مۇقامى ۋە مىللىيچە ئۇسسۇل - دولان مەشرىپى بارلىققا كەلگەن جاي بولۇپ، <دولان ئۇسسۇلى يۇرتى> دەپ ئاتالغان. دېھقانلار سىزغان رەسىم ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، <دېھقانلار رەسىم يۇرتى> دەپ ئاتالغان. پۈتۈن مەملىكەتكە <مەكىت - چاپچال دېھقانلار سىزغان رەسىم تاللانمىسى> تارقىتلدى. نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايونلۇق ۋە مەملىكەتلىك دېھقانلار رەسىم كۆرگەزمىسىگە، جۈملىدىن ئۈچ پارچە رەسىم پارىژ دېھقانلار رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلدى.