UyghurWiki›شىنجاڭدىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلار›شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىنىستىتۇتى
شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىنىستىتۇتى
شىنجاڭدىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلار
بۇ، ئاپتونوم رايون خاراكتېرلىك مەخسۇس ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقات ئورنى بولۇپ، 1980 ـ يىل 6 ـ ئايدا قۇرۇلغان. بۇ ئىنىستىتۇت شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدكى مۇھىم، مەشھۇر ئەسەرلەرنى توپلاپ، رەتلەپ، نەشر قىلىشنى؛ ئەدەبىيات تەتقىقاتى پائالىيەتلەتلىرىنى، ئىلمىي ئالماشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى قىلىدۇ. ئىنىستىتۇتتا ئۈچ تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە ماتېرىيال بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان. 1 ـ تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇيغۇر، تاجىك، ئۆزبېك ئەدەبىياتىنى تەتقى قىلىشنى؛ 2 ـ تەتقىقات ئىشخانىسى قازاق، تاتار، قىرغىز ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشنى؛ 3 ـ تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇيرات مۇڭغۇل ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ ئىنىستىتۇت <تۈركىي تىللار دىۋانى>، <قۇتادغۇبىلىك>، <ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلىغان، ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئۈچۈن زۆرۈر بەزى ماتېرىياللارنى تەييارلىغان. بۇ ئىنىستىتۇت بر مەزگىل <مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى> ژۇرنىلىنى نەشر قىلغان، كېيىن بۇ ژۇرنال مەلۇم سەۋەب بىلەن توختىتىپ قويۇلغان.\@