UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭدىكى بىر قىسىم نەشرىياتلار<شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى

<شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى

شىنجاڭدىكى بىر قىسىم نەشرىياتلار شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ھەر خىل سىياسىي - نەزەرىيۋى، پەننىي، ئەدەبىي ئوقۇشلۇقلارنى نەشر قىلىشنى ئاساس قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال نەشرىيات بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى باشقۇرىدۇ. بۇ نەشرىيات 1956 - يىل قۇرۇلغان، 1961 - يىلغىچە كىتاب چىقارغان، 1961 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا قوشۇۋېتىلگەن، 1979 - يىلى ئەسلىگە كېلىپ، ئەسلىدىكى <شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى> دېگەن نامى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. نەشرىياتنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى، خەنزۇ تەھرىر بۆلۈمى، قازاق تەھرىر بۆلۈمى قاتارلىق تەھرىر بۆلۈملىرى بار. شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ھەر خىل مەزمۇندىكى كىتابلار قاتارىدا يەنە نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، جۈملىدىن بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان ھەم قوشۇۋاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭدىكى بىر قىسىم نەشرىياتلار
<شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى | UyghurWiki | UyghurWiki